باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىلارنى قاتتىق چەكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-28   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، يىلدا بىر كېلىدىغان ھەج پائالىيىتىگە رۇخسەتسىز قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق چەكلىدى. ”توغرا ھەج قىلىش رۇخسەتلىك ھەج قىلىشتىن باشلىنىدۇ“ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدى. مەككە ۋە مىنا قاتارلىق ھەج پائالىيىتى ئورۇنلىرىدىكى بوشلۇق چەكلىك بولغانلىقتىن ھەمدە ھەرەم مەسچىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقتىن بۇ مۇھىم تەدبىر قوللىنىلىپ، ھەج تاۋاپنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

”رۇخسەت“ دېگىنىمىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى بەرگەن ھەج ۋىزىسى ھەمدە ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى مەزكۇر دۆلەت پۇقرالىرى ۋە بۇ دۆلەتتە ئىقامەت قىلغۇچىلارغا  تارقاتقان رۇخسەتنامىنى كۆرسىتىدۇ.  سودا، خىزمەت، تۇغقان يوقلاش ۋىزىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ ھەج قىلغۇچىلارمۇ رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىلار، يەنى تارقاق ھەج قىلغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىلارنى توشۇغۇچىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ، ماشىنىلىرى تارتىۋېلىنىدۇ، ھەتتا قاماپ قويۇلىدۇ. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چەت ئەللىكلەر بولسا جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئون يىل ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ. بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى مەككە، ھەرەم مەسچىتى ۋە باشقا ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىدا 15 مىڭ 120 ئامانلىق خادىمى تۇرغۇزۇپ، رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىلارنىڭ مەزكۇر ئورۇنلارغا كىرىشىنى توسىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 358مىڭ رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىنى نەسىھەت قىلىپ توسقان،  رۇخسەتسىز ھەج قىلغۇچىلارنى توشۇغان 13 مىڭ ماشىنىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇۋالغان. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر