باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دەسسىلىش ۋەقەسىدە دۆلىتىمىز تەشكىللىگەن تەشكىللىك ھەج قىلغۇچىلاردىن قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار بايقالمىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-28   

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەككە شەھىرىنىڭ مىنا رايونىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئۆمەكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە مەككەدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. بىر كۈندىن كۆپرەك تەكرار تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەككەدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 9 گىچە دۆلىتىمىز تەشكىللىگەن تەشكىللىك ھەج قىلغۇچىلاردىن قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار بايقالمىدى.

گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيالىق تارقاق ھەج قىلغۇچى ما يىڭخۇانىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى ما زىلەيخا(ئايال، خۇيزۇ، 50ياش، گەنسۇ ئۆلكىسى كاڭلې ناھىيەسىدىن) دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ۋە جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مېيىتنى ئىزدەشكە ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ياردەمدە بولىۋاتىدۇ. باشقا تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار ئەھۋالى يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە.

دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى چېڭ ۋېن، جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا ۋەقە سادىر بولۇشى بىلەنلا شۇ ھامان مەككەگە يېتىپ كېلىپ، نەق مەيداندا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەككەدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ جۇڭگو ھاجىلىرىدىن قازا قىلغانلار، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مىنادىكى ھاجىلار تۇرۇۋاتقان چېدىرغا بېرىپ دۆلىتىمىز ھاجىلىرىدىن ھال سورىدى، قازا قىلغان مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى يوقلىدى. باش ئەلچى لى چېڭۋېن كۆپچىلىكنى ئۆز-ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنۇپ، تەرتىپلىك ھالدا ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلاشنى، ھاجىلارنى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە ھەج ئۆمىكىنىڭ ھاجىلارنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە كورسەتمە بەردى. (رامىزان مىن جۇنچىڭ، شەمشىنۇر ھوشۇر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر