باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مىنادا ئېغىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ھەج ئۆمىكىمىز جىددىي تەدبىر قوللاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-25   
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 9 ئەتراپىدا، مىنا رايونى شەيتانغا تاش ئېتىش مەيدانىغا يېقىن 204-نومۇرلۇق چوڭ يولدا ئېغىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 717 كىشى قازا قىلىپ، 863 كىشى يارىلانغان. بۇ خەۋەر تارالغاندىن كېيىن ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئۆمەكلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىدىن قازاغا ئۇچرىغانلار ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغىچە دۆلىتىمىز ھاجىلىرىدىن قازا قىلغانلار ياكى يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات يوق.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەھۋالنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا مەككەنىڭ مىنا رايونىغا كېلىپ، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى بىلەن جىددىي يىغىن ئېچىپ، ۋەقەنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىش ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.
نۆۋەتتە جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دەرھال ئاكتىپ تەدبىر قوللاندى: بىرىنچىدىن، ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئۆمەكلىرى، بىرلەشمە ئۆمەكلەر ئۆز ئۆمىكىدىكى ھاجىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش؛ ئىككىنچىدىن، مىنادىكى شەيتانغا تاش ئېتىش مەيدانىغا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئادەملەر شالاڭلاشقاندىن كېيىن بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، كەئبەدىكى ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئالدىن ئىگىلەپ، قىستاڭ يوللاردا ماڭماسلىق، ھاۋا قاتتىق ئىسسىق چاغدا بارماسلىق، كەئبەنى تەشكىللىك ھالدا تاۋاپ قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچىدىن، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ماكاننىڭ نۆۋەتچىلىكىنى نازارەت قىلىپ، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىق.
ئۆمىكىمىز ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا بېرىپ، قازا قىلغان، يارىلانغانلار ئىچىدە جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ.  (رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ).
يەنە >>سۈرەتلەر