باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ئەرافاتقا چىقتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-25   
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى(ھىجرىيە 1436-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى) دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مىنادىكى ئەرافات مەيدانىغا بېرىپ، چېدىرلارغا ئورۇنلىشىشقا باشلىدى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 تە بارلىق ھاجىلار ھەج پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى مەيدانى بولغان ئەرافاتقا يۆتكىلىپ، ئىبادەتلىرىنى باشلىدى.
شەرىئەت قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەرافاتتا تۇرۇش ھەج ئىبادىتىدىكى مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى. بۇ كۈنى ھاجىلار ئەرافات مەيدانىدا كۈن ئولتۇرغۇچە تۇرىدۇ. دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، ئىماملارنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلايدۇ. بۇ كۈندىكى ئىبادەتكە ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ ئۆمەكلىرى بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلدى، مەيدان ھەيۋەتلىك، پائالىيەت تەرتىپلىك بولدى، بولۇپمۇ ئىماملار ھاجىلارغا باش بولۇپ دۇئا قىلغاندا ھاجىلارنىڭ قەلبى لەرزىگە كېلىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقتى، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ سالامەت، يۇرتىنىڭ ئامان، ۋەتىنىنىڭ باياشات، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
كەچقۇرۇن ھاجىلىرىمىز مۇزدەلىفەگە يۆتكىلىشكە باشلاپ، ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلار شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ كوللېكتىپ دىنىي پائالىيىتىگە قاتناشتى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر