باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى مىنا تېغىغا چىقىپ، پەرز ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23   
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى(ھىجرىيە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى) چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 دىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدىن بارغان 14مىڭ 500 ھاجى ھەج ئۆمىكىمىز بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن، مەككەدىكى تۇرالغۇ جايىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، مىنادىكى چېدىرغا تەشكىللىك، تەرتىپلىك ھالدا يۆتكىلىشكە باشلىدى. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، ھاجىلىرىمىز مىناغا پۈتۈنلەي ئورۇنلىشىپ، پەرز ھەج پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق كېلىپ، ئىبادەتلىرىنى باشلىدى؛ مىنادا ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى، ئۆمەك ئىماملىرى بولسا ھاجىلارغا ۋەز سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىلقى پەرز ھەج پائالىيىتى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولىدىكەن. تەرتىپ-قائىدىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھاجىلىرى پەرز ھەج پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى مىنادىكى چېدىرلارغا ئورۇنلىشىپ بولدى.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر