باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دىنىي يېتەكچىلەر: ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىردەك ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23   
بۇ يىل جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ”ھاجىلارغا باشتىن-ئاخىر مۇلازىمەت قىلىش، باسقۇچلارغا بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، يىغىپ تەربىيەلەش، قېرىندىشىدەك خىزمەت قىلىش“ دىنىي يېتەكچىلىك ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەج بىلىملىرى ۋە ھەجنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى سۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەج بىلەن ئەخلاق ۋە مەدەنىي سۆز-ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىردەك ھەج قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئۆمەكلىرى باش ئۆمەكنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھاجىلارغا قەدەم باسقۇچلۇق يېتەكچىلىك قىلدى، دىندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ھاجىلارنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس بولدى. زىيارەت ئورۇنلىرىغا بارغاندا بۇ جايلارنىڭ تارىخى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، دىنىي يېتەكچىلىكنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، ئۇسۇلىنى خىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. (مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  
يەنە >>سۈرەتلەر