باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

باش كونسول ئەنۋەر ھەبىبۇللا دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-22   
2015-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا، مۇئاۋىن كونسۇلى ۋاڭ چىمىن قاتارلىقلار دۆلىتىمىز ھاجىلىرى تۇرۇۋاتقان بىناغا كېلىپ ھاجىلارنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ھەج قىلىپ، ھەج پەرزىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى تىلىدى.
باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ماجىن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا باش ئۆمەك ۋە چىڭخەي، نىڭشيا، گەنسۇ، يۈننەن، شىنجاڭ ھەج ئۆمەكلىرى تۇرۇۋاتقان بىناغا كېلىپ ھاجىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ھاجىلارنىڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، پەرزلەرنى تەرتىپلىك ئادا قىلىشىنى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنى ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوتتۇرا شەرق ئارىلاشما نەپەس يولى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى، تولۇق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلام تەن ۋە ياخشى كەيپىيات بىلەن رەسمىي ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈۋېلىشىنى تاپىلىدى. ئاخىرىدا ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەج پەرزىنى تولۇق ئادا قىلىپ ۋەتەن قوينىغا تىنچ-ئامان بېرىشىنى تىلىدى. ئەنۋەر ھەبىبۇللا قاتارلىقلار يەنە ھەج ئۆمەكلىرىنىڭ داۋالىنىش ئورنى ۋە ئوپچە ئاشخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا قاتارلىقلار مەككىدىكى پادىشاھ فايسال دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، كىران ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئىككى نەپەر ھاجىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىپ تېزرەك ساقىيىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ئۇ ئىككى ھاجىنىڭ ئەھۋالى نورمال، پۇتىنىڭ ساقىيىشى ياخشى. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نەبىل ماجۇڭپىڭ، ئىمادىدىن ۋېن جىيەن ۋە ھەر قايسى ئۆمەكنىڭ باشلىقلىرى ھاجىلارنى يوقلاشقا قاتناشتى. (رامىزان، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر