باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى ئىران ھەج ئۆمىكى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-22   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ماجىن قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ئىران ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئايەتۇللا سەيىد ئەلى غازى ئەسقەرى بىلەن كۆرۈشتى. ئادىل ھاجى كېرىم ئالدى بىلەن ئىران ھەج ئۆمىكىدىن بۇ قېتىمقى كىران ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن 11 ھاجى، يارىلانغان 32 ھاجىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە تەسەللىي ئېيتتى. ئۇ جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دىنىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى؛ جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنى، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەھەتلەردە قانات يايدۇرغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
سەيىد ئەلى غازى ئەسقەرى بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگودا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلىدى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماختىدى. ئاندىن بۇ يىلقى ئىران ھەج ئۆمىكىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ ھەج تاۋاپقا تەشكىللەش، ھەج مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتە دۆلىتىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىراندىن 64 مىڭ كىشى ھەج تاۋاپ قىلىدىكەن.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەبىل ماجۇڭپىڭ، ئىمادىدىن ۋېن جيەنلەر بۇ كۆرۈشۈشكە ئىشتىراك قىلدى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر