باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بۇ يىلقى پەرز ھەجنى تىنچ، خاتىرجەم، كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-22   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى يىغىن ئېچىپ، پەرز ھەج خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇلار بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھاجىلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، كۆڭۈلدىكىدەك ھەج قىلىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ پەرز ھەج پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەرز ھەج پائالىيىتى بىزنىڭ چەت ئەلدىكى ھەج خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، تەشكىللەش قابىلىيىتىمىز ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى سىنايدىغان مۇھىم بىر مەيدان. كۆپچىلىكنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىپ، ھاجىلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كېسەللەرنى داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماشىنىغا چىقىرىش، قونالغۇغا باشلاش، تاماق تەقسىملەش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىدا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئومۇمىي دىنىي تەربىيە ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، دىنىي تەربىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەجدىكى ”ئىككى بىخەتەرلىك“نى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما جىن پەرز ھەج پائالىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خەۋپ-خەتەرنى تەھلىل قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچىدىن، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاجىلارنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پەرز ھەج خىزمىتى پىلانى ۋە كۆرسەتمىلەرنى ئىنچىكە تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ھەربىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، جىددىي خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى ۋە ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى سەيپىدىن بەي ليەنخې پەرز ھەج پائالىيىتى خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىغىنغا باش ئۆمەكنىڭ بارلىق خادىملىرى، ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ھەج خىزمىتى ئۆمىكى، ئۇنىۋېرسال ئۆمەكنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپلىرى ھەمدە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتناشتى. (ما يۈفېي، رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر