باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ باش كونسولى ۋە جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرى مەككە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مەككە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن ئەندەرقىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يارىلىنىش، قازا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
باش كونسۇل ئەنۋەر ئالدى بىلەن ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ بۇ ۋەقەدە جۇڭگو ھەج ئۆمىكى سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن خەۋەر تېپىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇھەممەد ئەمىن ئەندەرقىرى مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ ھەقتە بىرەر خەۋەر-ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ھامان دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئىككى تەرەپ جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم رولى ۋە بۇ يىلقى ھەج خىزمىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش كونسۇلى ۋاڭ چىمىن، كونسۇل يۈ شياۋنەن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەبىل ما جۇڭپىڭ، ئىمادىددىن ۋېن جيەن، باش كاتىپ سەيپىددىن بەي ليەنخې ھەمدە مەككە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ جۇڭگو، فىلىپپىن، تايلاند ھاجىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد دەمەنھۇرى قاتارلىقلار بۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر