باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ھەرەم مەسچىتىدە كىران ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مەككە ھەرەم مەسچىتىدە كىران ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ھاجىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۇنيا خەلقى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قايغۇغا چۆمدى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكى تۇرۇشلۇق 1-بىنانىڭ نىڭشيالىق ھاجىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەنىدى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دىنىي يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنۋېي ئاخۇن قازا قىلغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ھەمدە نەچچە يۈز ھاجىغا باش بولۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى: ”بۇ قازادا ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا چىن ئىخلاسىمىز بىلەن دۇئا قىلىمىزكى، رەببىمىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ماكانىنى جەننەت قىلسۇن، يارىلانغانلار شىپا تاپسۇن“. جاڭ ۋېنۋېي ئاخۇننىڭ ئاۋازى ئېغىر ھەم قايغۇلۇق ئىدى، ھاجىلار قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىچىدە دۇئا قىلدى، ھەممەيلەن مۇسىبەت كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر