باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەككەدىكى دوختۇرخانىغابېرىپ، ھەج ئۆمىكىمىزدىن يارىلانغان ھاجىلارنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-14   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى چېڭۋېن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختتى رىيادتىن مەككەدىكى فايسال پادىشاھ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، كىران ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە يارىلانغان خوتەنلىك ئىككى ھاجىنى يوقلىدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغان پىدا، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نەبىل ما جۇڭپىڭ، ئىماددىن ۋېن جيەن قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
باش ئەلچى لى چېڭۋېن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يارىلانغان ھاجىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوختۇرخانىسىدا ئوبدان داۋالىنىشنى تاپىلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى، جۈملىدىن ھەج ئۆمىكىنىڭ ھەر ۋاقىت ئادەم ئەۋەتىپ يوقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بالدۇرراق ساقىيىپ ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاندىن لى چېڭۋېن قاتارلىقلار دوختۇرخانا خادىملىرىدىن يارىلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوختۇرلىرىغا ئۇلارنى ياخشى داۋالىشىنى تاپىلىدى. ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى نەپەر يارىدارنىڭ پۇتى سۇنغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
كېسەل يوقلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن لى چېڭۋېن قاتارلىقلار شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا بېرىپ دوختۇرلار ۋە ئارقا سەپ خادىملىرىنى يوقلىدى ھەمدە شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىدىكى خادىملار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشتى، ئارقىدىن نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، يارىلانغۇچىلارنى داۋالاش ۋە ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئادىل ھاجى كېرىم، تۇرغان پىدا قاتارلىق ئۆمەك مەسئۇللىرى لى چېڭۋېن ئەلچىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يارىدارلارنى ياخشى داۋالايدىغانلىقىنى، بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنى داۋاملىق ئوبدان ئىشلەپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە بىخەتەر ھەج قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر