باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەرەم مەسچىتىدە كىران ئۆرۈلۈپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-14   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا شىددەتلىك بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر ياغدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەرەم مەسچىتى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر كىران بوران ۋە چاقماق زەربىسىدە ئۆرۈلۈپ، مەسچىت ئۆگزىسىنى بېسىپ چۈشكەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت ئونغىچە 87 كىشى ئۆلۈپ، 184 كىشى يارىلانغان. جۇڭگو ھاجىلىرىدىن قازاغا يولۇققانلار ھەققىدە خەۋەر كەلمىدى.
جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دەرھال ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆمەك خادىملىرىنى ھەرەم مەسچىتى بىلەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ماڭدۇردى. ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنچە سىرتقا چىقماسلىقىنى، ھەرەم مەسچىتىگە بارماسلىقىنى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ خوتەن ھەج ئۆمىكىدىن ئىككى كىشى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا پۇتىغا تاش چۈشۈپ يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، ھازىر ئەھۋالى مۇقىم. گەنسۇ ئۆمەكتىن بىر كىشى نەق مەيداندا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ بېشى يارىلانغان، ھازىر ساقىيىپ مېھمانخانىغا قايتتى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر