باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلىرى مەدىنەدىن مەككىگە ئوڭۇشلۇق يۆتكەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-10   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىزدىن بارغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار مەدىنەدىن مەككىگە ئوڭۇشلۇق يۆتكەلدى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار رەسمىي ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەككىگە يىغىلدى. ھەج ئۆمىكى خادىملىرىمىزمۇ رەسمىي ھەجنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشتى.
8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەككە ۋە مەدىنەدىكى ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى خادىملىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى مەدىنەدە ئۇزىتىش ۋە مەككىدە كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. يولۇچىلار بىلەن يۈك-تاقنى ئايرىم توشۇش يولغا قويۇلغانلىقتىن، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار بۇ قېتىم ئېسىل ئاپتوبۇسلاردا ئولتۇرۇپ، قىسقا ۋاقىتتا سەپىرىنى تاماملاپ، ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)  
يەنە >>سۈرەتلەر