باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئادىل ھاجى كېرىم: ھەج ئىبادىتىنى تاماملىغان ھەمدە ئەخلاقىنى تېخىمۇ ياخشىلىغان ھاجىلاردىن بولايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-10   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو ھەج ئۆمىكى تۇرۇشلۇق 2-بىنا R قەۋىتىنىڭ يىغىن زالىغا ھەر قايسى ئۆمەك بىلەن بىللە كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ھەج تاۋاپ دىنىي يېتەكچىلىرى يىغىلغان بولۇپ، كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن ئىدى. بۇ يەردە ھەجتاۋاب دىنىي يېتەكچىلىرىنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. 
”ئۆمىكىمىز ھەر كۈنى بىر نەپەر دىنىي يېتەكچىنى ھاجىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى نامازخانىغا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاجىلارغا ھەج بىلىملىرى، ھەجنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ...“دېدى شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىدىن كەلگەن بىر دىنىي يېتەكچى سۆز باشلاپ. 
”ئۆمىكىمىز ھاجىلىرىنى ھەج تاۋاب ماكانلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان چاغدا كۆپچىلىككە بۇ يەرنىڭ ئۇلۇغلىنىش سەۋەبى، ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە تەسىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمىز...“ دېدى گەنسۇدىن كەلگەن دىنىي يېتەكچى.  
”بىزنىڭ ئۆمەك ئاياللارغا مەخسۇس مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلدى، ئايال ئىمام ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىدۇ“ دېدى يۈننەندىن كەلگەن دىنىي يېتەكچى.
ھەرقايسى ئۆمەك دىنىي يېتەكچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پىكىر بايان قىلىپ، ھاجىلارنى دىنىي جەھەتتىن يېتەكلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى.
ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۆمەكنىڭ ھاجىلارنى دىنىي جەھەتتىن تەربىيەلەش جەھەتتىكى پۇختىلىقى ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىكى كۆپ خىللىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە يېتەكچى خادىملارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھەج ئىبادىتى جەريانىدا ئەخلاقىنىمۇ ياخشىلىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ”دىنىي يېتەكچىلىك خىزمىتى ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسىدۇر، دىنىي يېتەكچى خادىملارنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى مۇھىم، ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسى ئېغىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى’ھەج بىر دىنىي ئىبادەت، شۇنداقلا بىر مەدەنىي پائالىيەت‘ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىدىيە دۆلىتىمىزنىڭ’مەدەنىي ھەج قىلىش‘ نىشانى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ، ھەج ئىبادىتى بىلەن مەدەنىي ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر“.
ئادىل ھاجى كېرىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”ئىسلام دىنى شەخسىي ئىبادەتكىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماي، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنىمۇ تەكىتلەيدۇ. دىنىي يېتەكچى خادىملار ئاۋۋال ھەج ئىبادىتىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە چېتىشلىق دائىرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارغا ھەج پائالىيىتى داۋامىدا ئىبادەت بىلەن مەدەنىيلىك، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، شەخسىي ئىش-ھەرىكەت بىلەن دۆلەت ئوبرازى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى تاماملاش بىلەن بىرگە ئەخلاقىنىمۇ ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەج ئىبادىتىدە يېڭى يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ قائىدىنى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلغاندا ھاجىلارنىڭ ئېڭىغا تەسىر قىلغىلى بولىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئۇلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ“.
ئادىل ھاجى كېرىم بۇ نۇقىتىنى دىنىي يېتەكچى خادىملارغا ئالاھىدە تاپىلىدى، ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندا مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر