باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرى مەككە شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-10   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى يۈسۈف ماجىن قاتارلىقلار مەككە شەھىرىنىڭ باشلىقى ئۇسامە بىلەن كۆرۈشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى، ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتى. شەھەر باشلىقى ئۇسامە دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتى قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە مەككە شەھىرى ۋە ھەج تاۋاب ئورنىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇردى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، باش ئۆمەك رەھبەرلىرى مەككە شەھىرىنىڭ پىلان خەرىتىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۆمەكنىڭ باش كاتىپى سەيپىددىن بەي ليەنخې كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر