باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋازارىتى غەربىي رايون مەھكىمىسى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-09   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى مۇئاۋىن باش كونسۇلى ۋاڭ چىمىننىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى تاشقى ئىشلار ۋازارىتى غەربىي رايون مەھكىمىسى باشلىقى مۇھەممەد تەييىب ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇننىڭ مەھكىمە باشلىقىغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، جۇڭگودىكى ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى، تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ يەنە جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇرھال يولدا مېڭىش، كەڭ قورساقلىق ۋە رەھىمدىللىك روھىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرى يىلدىن-يىلغا ياخشىلانماقتا. جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن ئالتە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى قاتارلىق دىنىي دەستۇر كىتابلارنى ھەمدە ئىسلام دىنى بىلىملىرىگە ئائىت «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. دۆلەتتىكى داڭلىق ئۆلىمالارنى تەشكىللەپ، «ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى»نى ئاچتى، ئوتتۇرھال يول تۇتۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقۇچىلارنى ئەۋەتتى. «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر» توپلاملىرىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، دىنىي خادىملارنىڭ ۋەز-تەبلىغىنى قائىدە-ئۆلچەمگە سېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى چۈشەندۈرۈپ، خاتا چۈشەنچىلەرگە رەددىيە بېرىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى“.
ما جىن مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، رەھىمدىللىك روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، جۈملىدىن جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دىنلار مەدەنىيىتىمۇ ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىگەندە، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلانغاندا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنلارنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپ رولىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، دىنلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشىگە، ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىشىغا، دىيالوگ ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتتۇر، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقىغا يېڭى ھەسسىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“.
مۇھەممەد تەييىب ئەپەندى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى دوستلۇقىغا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ بەرگىنىگە ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشكە قاتنىشىپ كەلمەكتە. مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىگەندە، بىر-بىرى بىلەن دىئالوگلاشقاندا ئاندىن دۇنيا تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ“. ئۇ جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە مەدەنىيەتلەر دىيالوگى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى كاتىپى سەيپىدىن بەي ليەنخې، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى خېي يەنخەي قاتارلىقلار بۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر