باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدىن يولغا چىققان 14مىڭ 500 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06   
2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى  ئايروپىلان بىلەن يولغا چىققان 342 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ مەدىنە ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ، دۆلىتىمىزدىن بارىدىغان 14مىڭ 500 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 29 ئايروپىلاندا كەلگەن 8500 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچى مەدىنەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مەككىگە يۆتكەلدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى، شەرق ئاۋىئاتسىيەسى ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى توشۇش ئۈچۈن جەمئى 47 ئايروپىلان ئاجراتقان بولۇپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى بېيجىڭ، لەنجۇ، يىنچۈەن، ئۈرۈمچى، كۈنمىڭ ئايروپورتلىرىدىن مەدىنەگە توشۇدى. ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خادىملار ۋە شۆبە ئۆمەك خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى ئايروپورتتىن ئېلىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورتاق غىزالاندۇرۇش، دىنىي جەھەتتىن يېتەكلەش، داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيارەت قىلدۇرۇش، مەككىگە ئۇزىتىش، يۈك-تاقلىرىنى توشۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلاردا جاپالىق مۇلازىمەت قىلىپ، ھاجىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. 
يەنە >>سۈرەتلەر