باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06   
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى يۈسۈف ماجىن قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋازارىتى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن ئەندەرقىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ مەككەدىكى، بولۇپمۇ پەرز ھەج مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەك، تازىلىق، قاتناش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغايېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا تەمىنلىگەن ئەلا مۇلازىمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىش ئەھۋالىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قانىلىغا كۆرە قوللانغان ئاكتىپ تەدبىرلەر ۋە ئۇنىڭ بەرگەن ياخشى ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. ئۇ بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەزكۇر ئورگانغا مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى بەردى: بىرىنچى، دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكى ۋە ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى كېسەللىكى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇش؛ ئۈچىنچى، ھەج پائالىيىتى ئورنىدىكى ياتاق، تاماق، تازىلىق، ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى ۋە شارائىتلارنى داۋاملىق ياخشىلاش.
مۇھەممەد ئەمىن ئەندەرقىرى دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەجگە تەشكىللەش ۋە ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ تەشكىللەش قابىلىيىتى ۋە جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى باشقا دۆلەت ھاجىلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىدى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھاجىلارغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ تۈپ پىرىنسىپىمىز ۋە نىشانىمىز، دېدى.
باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغان پىدا، باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەبىل ماجۇڭپىڭ، باش كاتىپى بەي ليەنخې، مەككە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى ئۈچ دۆلەت ئىشخانىسىنىڭ(جۇڭگو، فىلىپپىن، تايلاند ھاجىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ) مۇدىرى مۇھەممەد دەمەنھۇرى قاتارلىقلارمۇ بۇ سۆھبەتكە قاتناشتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى يۈسۈف ما جىن قاتارلىقلار مەدىنە جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى ھاتەم بارى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى. (مىن جۈنچىڭ، مايۈفېي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر