باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭدىن بىرىنچى تۈركۈم ھاجىلار مەدىنەگە سالامەت يېتىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-29   
2015-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى يەرلىك ۋاقىت سائەت 23 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىدىغان 309 نەپەر ھاجىنى توشۇغان ئايروپىلان مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا سالامەت قوندى. تۇنجى تۈركۈمدىكى بۇ ھەج قىلغۇچىلار تۇرپان، قارىماي، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغان پىدامۇ ئۇلار بىلەن بىر ئايروپىلاندا كەلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەسلىھەتچى يۈسۈف ما جىن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن، ئۆمەك باش كاتىپى بەي ليەنخې قاتارلىقلار ئايروپورتقا بېرىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى.
رەتلىك ھەم بىردەك كىيىنگەن شىنجاڭ ھاجىلىرىنىڭ روھى كەيپىياتى جانلىق ئىدى، بولۇپمۇ ئايال ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەتلەس كۆينەك ئايروپورتتا باشقىچە جۇلالاندى ۋە گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.
بۇ يىل شىنجاڭلىق ھاجىلارنى توشۇش ۋەزىپىسىنى يەنىلا جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، ئايروپىلان چوڭ تىپتىكى بويىن 777 ئايروپىلانلىرى بولۇپ، 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە جەمئىي 10 قېتىم قاتنايدۇ. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد، قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر