باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئوكاز گېزىتى» سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «ئوكاز گېزىتى» سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرى بەندەر ھىجارنىڭ جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر بەردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرى بەندەر ھىجار جىددە شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سۆھبەتلەشتى.
«ئوكاز گېزىتى» سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىتىلىش سانى كۆپ، تەسىر دائىرىسى كەڭ، بولۇپمۇ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭ تەسىرگە ئىگە.
(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر