باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋەزىرى ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
2015-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەج ئىشلىرى ۋەزىرى بەندار ھىجار جىددە شەھىرىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا دوستانە سۆھبەتلەشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە دۆلىتىمىزدىكى 23 مىليون مۇسۇلمان ئاممىغا ۋاكالىتەن پادىشاھ سەلمانغا قىزغىن سالام يوللىدى ھەمدە ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئورگانلارنىڭ جۇڭگو ھاجىلىرىغا قىلغان غەمخورلۇقىغا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ھەرەم ۋە باشقا ھەجتاۋاپ ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئادىل ھاجى كېرىم مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ھەرەم مەسچىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن چەت ئەللىك ھاجىلارغا بېرىدىغان ساننى ئازايتقان بولسىمۇ، جۇڭگو ھاجىلىرىغا بېرىدىغان ساننى قىسىپ قالماي، كۆپلىگەن ھاجىلىرىمىزنى ھەجتاۋاپ قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجتاۋاپ پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە ھەج مۇلازىمىتىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى. دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن توختام بويىچە دەل ۋاقتىدا مېھمانخانىغا كىرەلىگەنلىكى، جۇڭگو ھاجىلىرىغا ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قانىلى ئارقىلىق نورمال خىزمەت قىلغانلىقى، تۇنجى قېتىم يېمەك-ئىچمەك شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ھاجىلىرىمىزنىڭ ئورتاق غىزالىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، نۆۋەتتە ھەج خىزمەت ئۆمىكىنىڭ ئوڭۇشلۇق مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.
ھەج ئىشلىرى ۋەزىرى بەندار ئادىل ھاجى كېرىم باشچىلىقىدىكى خىزمەت ئۆمىكىنى چىن دىلىدىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ۋە باشقا ئەللەردىن كېلىدىغان ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دېدى. ئۇ ئىككى ھەرەم مەسچىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى كۈچەپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يەرلەرنىڭ ھەممىسى ھاجىلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىدۇر. مەقسەت، ھاجىلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ھەجتاۋاپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن. ئۇ ھەربىر ھاجىنىڭ ھەجتاۋاپ ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن ھەج قىلىشىنى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج ئىشلىرى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ھەجتاۋاپ پائالىيىتىدە چوقۇم قىستاڭچىلىق بولىدۇ، شۇڭا جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ كەئبىنى ئايلانغاندا تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تاۋاپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كېلىپ ھاۋا بەك ئىسسىق، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشىڭلار كېرەك. ئۇ يەنە جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىنى تاپىلىدى.
دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ۋاڭ چىمىن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى يۈسۈف ما جىن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلارمۇ بۇ زىيارەتكە قاتناشتى.
(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر