باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-24   

8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەدىنەگە بېرىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ماجىن ۋە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار مەككىدە ئۇلارنى ئۇزاتتى. بۇ يىلقى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى 37 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جىيەن بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، باش ئۆمەك كاتىپى بەي ليەنخې مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ھاجىلارنى تەربىيەلەش، كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىش، ياتاق، بىخەتەرلىك، داۋالىنىش، زىيارەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر