باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2015-يىللىق جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خىزمەتچى خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبسىتانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-18   
جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، باش ئۆمەك مەسلىھەتچىسى ما جىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خىزمەتچى خادىملار8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەئۇدى ئەرەبسىتانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خىزمەتچى خادىملار 33 نەپەر بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈم تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىرگە دۆلەت سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمەت خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. خىزمەتچى خادىملار ھەج پائالىيىتى گۇرۇپپىسى، دىنىي يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى، ساقلىقنى ساقلاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئۇلار سەپەرگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 2015-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا 2015-يىللىق جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدىردىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 2015-يىللىق جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرىم قاتارلىقلار قاتنىشىپ، بۇ يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەنە >>سۈرەتلەر