باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2015-يىللىق ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-11   
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەرلىك ۋاقتى بويىچە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى تەييارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسى مۇقەددەس شەھەر مەككىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ، ھەج خىزمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبسىتانىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. تەييارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسى 11 خادىمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنەدە ھەج خىزمىتىگە مەسئۇل يەرلىك ئىدارە-ئورگانلار بىلەن كېلىشىپ، ھاجىلارغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش، ياتاق، تاماق، ئېلېكتىرونلۇق سىستېما بىلەن رەسمىيەت بېجىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ. تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى جىددە ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇللۇقىدىن كونسۇل يۈ شياۋنەن، خېي يەنخەي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋازارىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
يەنە >>سۈرەتلەر