باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىلى 28-نۆۋەتلىك ئىسلام ئىتتىپاقلىقى خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-01-22   
28-نۆۋەتلىك ئىسلام ئىتتىپاقلىقى خەلقئارا يىغىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئىران دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىران ئىسلام مەزھەپلىرى ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا يىغىنىنىڭ باش كاتىپى ئاياتۇللاھ شەيخ مۇھسىن ئەراكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى ”ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقى، رىقابەت ۋە مېخانىزم“ بولۇپ، ئىران ئىسلام مەزھەپلىرى ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا يىغىنىنىڭ باش كاتىپى ئاياتۇللاھ شەيخ مۇھسىن ئەراكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆزلىدى. ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانىي يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، بەھرەين، ئومان، قاتار، سۇرىيە، لىۋان، كۇۋەيت، ئىراق، يەمەن، ئىئوردانىيە، ماراكەش، سۇدان، ھىندونېزىيە، پاكىستان، بېنگال، ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇتەپەككۇرلىرى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە رۇسىيە، ئەنگلىيە، جۇڭگو، فرانسىيە، گېرمانىيە، تايلاند، گوللاندىيە، جەنۇبى ئافرىقا، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق 71 دۆلەتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، دىنىي داھىيلار، ئىلىم-پەن سەركەردىلىرى ھەمدە ئىران دۆلەت ئىچىدىن بولۇپ جەمئىي 550 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، ۋەكىللەر ئېچىلىش مۇراسىمى، ئومۇمىي يىغىن ۋە يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققاندىن باشقا يەنە كارخانىچىلار، ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تەشۋىقات، تەبلىغات، پارتىيە گۇرۇھلىرى، ئاياللار، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق يەتتە مەخسۇس گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ھەم شۇ تېمىلار بويىچە مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەر سۆزگە چىقتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى قانداق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى يوقىتىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىقىدىكى توسالغۇلار ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
   1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە،  28-نۆۋەتلىك ئىسلام ئىتتىپاقلىقى خەلقئارا يىغىنى يىغىن باياناتى ئېلان قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
1-ئاينىڭ 9-كۈنى جۈمە چۈشتىن بۇرۇن، بۈيۈك ئاياتۇللاھ ئىمام خامەنەئىي، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانىي، سابىق ئىران زۇڭتۇڭى رافسان جانى قاتارلىقلار ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدى ۋە ئىمام جەئپەرى سادىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 28-نۆۋەتلىك ئىسلام ئىتتىپاقلىقى خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلدى ۋە ئايرىم-ئايرىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇسۇلمانلىرىنى  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، غەرب ئەللىرى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. بۈيۈك ئاياتۇللاھ ئىمام خامەنەئىي تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەقەت سۆز-ئىبارىگە تايىنىپلا مەدھىيەلەشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرىق قىلغان ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇرىغا تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز، بۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى بولۇشى لازىم، ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەندە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان ھەر مىللەت خەلقى بۇرۇنقى ئاداۋەتنى تاشلاپ، چوڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، كىچىك پەرقلەرنى ساقلاپ قالساق، ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە روناق تېپىشى كاپالەتكە ئېرىشىدۇ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالىيجانابلىقى، ئىززەت-ئابرۇيى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
يىغىن مەزگىلىدە، ئىران ئەھلى بەيت دۇنيا مەجلىسىنىڭ باش كاتىپى ئاياتۇللاھ شەيخ ھەسەن ئەختەرىي ئۆز مەركىزىدە مۇئاۋىن باش كاتىپ ھاجى بارات رەجەپنى قوبۇل قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە، مۇئاۋىن باش كاتىپ ھاجى بارات رەجەپ بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى ھەمدە ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
يەنە >>سۈرەتلەر