باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان ۋە بېنگالدا تۇنجى قېتىم رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-29   
 
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ھىندىستان-جۇڭگو ئىقتىساد- مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە بېنگال دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بەش كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان ۋە بېنگالدا بىر ھەپتىلىك دوستانە زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت دۆلىتىمىز ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتتە بىرىنچى قېتىم رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، مەزكۇر زىيارەت ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 
زىيارەت جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىقى، ھىندىستان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، بېنگال ئىسلام فوند جەمئىيىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ ھەج تاۋاپقا تەشكىللەش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە ھالاللىق گۇۋاھنامىسى بېرىش ھەمدە ئىسلام مەدەنىيەت ئالاقىسى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر ساھەلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.
بۇ قېتىملىق زىيارەت دۆلىتىمىز ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولۇشىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ قېتىملىق زىيارەت ھىندىستان ۋە بېنگال ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىپى  قۇبۇت ئەپەندى بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى

ۋەكىللەر ئۆمىكى ھىندىستان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى

دۆلىتىمىزنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لې يۈچېڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
بېنگال دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باش كاتىپى ئىسلام ئەپەندى ھەمدە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقايسى مەھكىمىلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى
بېنگال دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەج ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېنگال ھەج تاۋاپقا تەشكىللەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى

ۋەكىللەر ئۆمىكى بېنگال ئىسلام فوند جەمئىيىتى كۈتۈپخانىسىدا زىيارەتتە بولدى

ۋەكىللەر ئۆمىكى بېنگال دۆلەت مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى ۋە يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتتە بولدى
يەنە >>سۈرەتلەر