باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋەزىرى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-19   
 ئۆز خەۋىرىمىز: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرى بەندەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەمزە ھەججار جىددە شەھىرىدە دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو باشچىلىقىدىكى ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر، كونسۇل يۈ شىياۋنەنلەر قاتناشتى. ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو ئالدى بىلەن ۋەزىر مۇھەممەد ھەججارغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە 23 مىليۇن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ پادىشاھ ئابدۇللا يوللىغان قىزغىن سالىمى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ۋە ھەج خىزمىتى ئورۇنلىرىنىڭ جۇڭگو ھاجىلىرىغا قىلغان ياردىمى ۋە غەمخورلۇقىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. نۇرغۇن يىلدىن بۇيان، سىز رەھبەرلىك قىلغان ھەج مىنىستىرلىقى ۋە ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگانلىرى جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى سالامەت ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. مەن جۇڭگو ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە رەھبەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جۇڭگو ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈۋاتقانلىقىمدىن ئىنتايىن مەمنۇن. بۇ بىزنىڭ ھەج ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىدۇر. بىز پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە دىنلار ئارا مەدەنىي مۇلاقات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج پائالىيىتىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە بىختەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەج مەزگىلىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ھەرقانداق سىياسى غەرەزدىكى قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى چەكلەش بۇيرۇقى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوللايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز.
ۋەزىر بەندەر ھەججار ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەج خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ۋە ئاپىرىن ئوقۇغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھاجىلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ھاجىلارغا خىزمەت قىلىش ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئىنئامى، بىز ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ سالامەت، قۇلايلىق، ئوڭۇشلۇق ھەج قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەزگىلدە قانداق تەلەپ بولسا خالىغان ۋاقىتتا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بىز بارلىق تىرىشچانلىقىزنى كۆرسىتىپ كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىنى چۇقۇم قاندۇرىمىز.
كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى سىزنى قۇلايلىق ۋاقىتتا جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىدۇ، دېدى. ۋەزىر بەندەر ھەججار خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ئۇلۇغ دۆلەت، مەن پۇرسەت بولسىلا ھازىرغىچە بېرىپ باقمىغان جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشنى ئۆمىد قىلىمەن. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىكى مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئامىر جاڭ گۇاڭلىن، ئابدۇۋاھاب سۇڭ ئېنلىن، ئۆمەكنىڭ باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلۇڭ قاتارلىقلار كۈرۈشۈشكە قاتناشتى.
(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەھرىرلىگۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر