باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرى ئۈچ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ مەدىنەگە يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-11   
ئۆز خەۋىرىمىز: سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، نىڭشىيا ۋە يۈننەن ھاجىلىرى ئولتۇرغان ئۈچ ئايرۇپىلان مەدىنە خەلقئارا ئايرودرومىغا سالامەت قوندى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇستاپا ياڭ جىبو، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئىبراھىم لىگې، ئىبراھىم گاۋ جەنفۇ، ئامىر جاڭ گۇاڭلىن قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ  كۈتۈۋالدى. ئايرودرومنىڭ تاموژنىدىن چىقىش زالىدا ھاجىلار رەتلىك ھالدا تاموژنىدىن چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىپ ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ ياتاققا يولغا چىقتى. بۇ يىل دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ مەدىنەدىكى ياتاق شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ھاجىلار مەسچىت نەبەۋى يېنىدىكى ئۈچ يۇلتۇزلۇقتىن يۇقىرى مىھمانخانىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. شۇڭلاشقا ھاجىلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەسچىت نەبەۋىگە بېرىش جەريانىدا ئىسسق ئۆتۈپ كېتىش، ئېزىپ قېلىش ۋە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىلدى.
                (مۇھەممەد ئابدۇللا خەۋىرى؛ تەھرىرلىگۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
 
 
  
يەنە >>سۈرەتلەر