باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دوھا دىنلار مۇلاقات يىغىنى ياشلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05   
2014-يىل 3-ئايدا قاتار دوھا دىنلار مۇلاقاتى خەلقئارالىق مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارا دىنلار مۇلاقاتى يىغىنى قاتار پايتەختى دوھادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياشلارنىڭ دىنلار مۇلاقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قىممىتى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى. 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىستىئان دىنى ساھەسىدىكى 350تىن ئارتۇق ئالىملار ۋە دىنىي زاتلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇھتەرەم شېرىپ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى مۇھەررىرى دوكتور مىن جۈنچىڭ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتى پوپى دىڭ ياڭ، جۇڭگو خىرىستىئان دىنى ئىنستىتۇتى مۇئەللىمى ۋاڭ جياۋېي خانىم ئۆمەك ئەزاسى بولغان تۆت كىشلىك ئۆمەك تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھاكىمە تېمىسى ئاساسەن: 1. ياشلارنىڭ دىن قارىشى؛ 2. ھازىرقى ياشلار يۈزلىنىۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىس؛ 3. ياشلارنىڭ دىنلار ئارا مۇلاقاتى؛ 4. ياشلارنىڭ دىنلار مۇلاقىتىگە قوشقان تۆھپىسى. يىغىن ئەھلى مەزكۇر تۆت تېما بويىچە 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پىكىر بايان قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى. چوڭ يىغىن 6 قېتىم، گۇرۇپپىلار مۇھاكىمىسى 12 مەيدان ئۆتكۈزۈلدى، پىكىر ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپ قىرلىق، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىسىتىئان دىنىغا مەنسۇپ ياش ئېتىقادچىلارنىڭ دىنلار ئارا مۇلاقاتتىكى رولى، پۇرسىتى ۋە بەس-مۇنازىرىلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالدى.
يىغىن ئەھلى بىردەك ھالدا مۇنداق قاراشقا كەلدى: دىنلار ئارا مۇلاقاتنىڭ مەقسىتى ھەر خىل مىللەتكە ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق، رەھىمدىللىك، تىنچلىق ۋە ئىناقلىق قاتارلىق دىنىي روھنى تەشەببۇس قىلدۇرۇش، مۇلاقات ۋە پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۈشمەنلىك ۋە كەمسىشىتنى تۈگىتىپ، ياش ئەۋلادلارنى ئىناق دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش. مۇلاقات دۇنياۋى نەرسە، ھەر خىل ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىگەندە، بىر-بىرىنى چۈشەنگەندە، ئورتاق ھەمكارلاشقاندىلا ياتلىشىشنى ئازايتىپ، ئۆزئارا مۇلاقاتلىشىپ، دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرالايدۇ. ھازىر جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ؛ ياشلارنىڭ دىنىي قارىشىنى چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ دىنلار ئارا مۇلاقاتتىكى قىممىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. دىنلار ئارا مۇلاقات ۋە كەڭ قورساقلىق بولمىغىنىدا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. دىنلار ئارا مۇلاقات بىر مەيدان تىنچلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە قاتلىمىغا چېتىلىدۇ. كىشىلەر دىنلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەختى دەپ بىلىشى كېرەك، شۇڭا ھەر خىل ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىر-بىرىگە دۈشمەن بولماسلىقى، بەلكى بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، ئاكتىپ مۇلاقاتلىشىپ، ئۆز ئېتىقادىنى تېخىمۇ كەڭچىل، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ھالەتكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.  ئائىلە ۋە مەكتەپ مائارىپى دىنلار ئارا مۇلاقاتكە پۇرسەت، شارائىتلارنى تەمىنلەپ بەرسە بولىدۇ. يىغىن ۋەكىللىرى يەنە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دىنلار ئارا مۇلاقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىردى.
نۆۋەتتە يەر شارىلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئالاقىسى كۈندىن كۈنگە قويۇقلاشماقتا، كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ جاھان كەزمەكتە. ئىنسانلار قىتئەلەر ئارا ئۇچرىشىپ، بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ، بىر-بىرىگە تايىنىدىغان، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. مەدەنىيەتلەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. مۇلاقاتلىشىش دەۋر روھىنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندى. تولۇق ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتا دىننىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ كەڭ ھەم چوڭ  بولىدۇ؛ دىنلار ئارا مۇناسىۋەت بىلەن دىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەت جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا؛ دىنلار ئارا مۇلاقات قىلىش دەۋر تەرەققىياتىدىكى ئاقىلانە تاللاش ۋە جىددىي ئېھتىياج بولۇپ، ياشلار بۇ مۇلاقاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق كۈچتۇر، جۇڭگونىڭ ئېتىقادلىق ياشلىرى بولسا بۇ كۈچنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)  
  
يەنە >>سۈرەتلەر