باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى كۇئالا لۇمپۇردا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-02   
ئۆز مۇخبىرىمىز:جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن ئۆمەك مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ تەشكىللەنگەن جۇڭگو-مالايسىيا ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاقە يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆمىكى 2014-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مالايسىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا ئىككى دۆلەت ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاقە يىغىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. 2014-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو-مالايسىيا ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاقە يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى مالايسىيانىڭ سېلانگور ئوبلاستى ”ئالتۇن دۇلدۇل خان سارىيى“ مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمىقى جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، مالايسىيا ئىسلام تەرەققىياتى ئىدارىسى ۋە مالايسىيا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق ھەمكارلىقى ئىدارىسى، جۇڭگو دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىدىكى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،”يىپەك يولى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش“ تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، جۇڭگو-مالايسىيا ئىسلام مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى، جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى رەسىم كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، قۇرئان تىلاۋىتى، ئەرەبچە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى، ھالال يېمەكلىكلەرنى مالايسىياغا تونۇشتۇرۇش دېگەن ئالتە تېما بويىچە كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو-مالايسىيا مەدەنىيەت ئالاقە يىغىنى، ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن، جۇڭگو-مالايسىيا مەدەنىيەتى ئالاقە يىغىنى، ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى جۇڭگو دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ خۇيكاڭ، مالايسىيا ۋەزىرلىكى مەھكىمىسىدىن مىنىستىر داتۇسېرى جامجىر، مالايسىيا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق ھەمكارلىقى ئىدارىسى باشلىقى گەندىسېن، جېڭخې كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ھاۋالە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى جىنيو قاتارلىق سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباپلار ۋە جۇڭگو-مالايسىيا ئىككى تەرەپتىن كۆرگەزمىگە قاتناشقانلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو خەلقى بىلەن مالايسىيا خەلقىنىڭ دوستلۇق ۋە بېرىش-كېلىش تارىخى ئۇزۇن، دېڭىز يىپەك يولى ۋە جېڭ خېنىڭ غەربىي دېڭىزغا يۈرۈش قىلىشتەك ئۇلۇغ سەپىرى جۇڭگو-مالايسىيا ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىغانىدى. ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەت ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، 2013-يىلى جۇڭگو-مالايسىيا ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ يىل جۇڭگو-مالايسىيا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالاقە پائالىيىتى مەزكۇر 40 يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، جۇڭگو-مالايسىيا مەدەنىيەت ئالاقە تارىخىدىكى يەنە بىر نامايەندە، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ داۋاملىشىشى، مەدەنىيەت سەمەرىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ قېتىم بىز مالايسىيا مۇسۇلمانلىرىغا مول، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو-مالايسىيا مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئىككى دۆلەت ئىسلام سەھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ“.
جۇڭگو دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا جۇڭگو ۋە مالايسىيادىكى ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى بار، ھەممىسى دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو، مالايسىيا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. كەلگۈسىنى ئويلىغاندا، ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋىلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىپ، ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مىللەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىشى كېرەك“.
   مىنىستىر داتۇسېرى جامجىر ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى بارلىق ئۆمەك ئەزالىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئىسلام مەدەنىيەت ئالاقە پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن بىلەن مىنىستىر داتۇسېرى جامجىر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۆزئارا سوۋغا ئالماشتۇردى. مۇراسىمدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئەربابلىرى جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە ئاتاپ لېنتا كەستى ھەمدە بىرلىكتە كۆرگەزمىنى كۆردى.
7-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو-مالايسىيا ئىسلام مەدەنىيەت ئالاقە مۇھاكىمە يىغىنى ”ئالتۇن دۇلدۇل خان سارىيى“ مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جۇڭگولۇق قارىينىڭ مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن باشلاندى، يىغىنغا مالايسىيا جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما چى رىياسەتچىلىك قىلدى. رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ۋە مالايسىيا ئىسلام تەرەققىياتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داتۇ ئوسمان يىغىنغا قاتناشتى. ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن يىغىندا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگو ۋە مالايسىيادىن ئالتە نەپەر ئالىم-تەتقىقاتچى ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات، چوڭقۇر چۈشەنچە بەردى. جۇڭگو ۋە مالايسىيادىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىنىستىر داتۇسېرى جامجىر جۇڭگو دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ۋە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ھاجى بارات رەجەپ ۋە ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى جۈمە بولۇپ، رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن قاتارلىق ئۆمەك ئەزالىرى مالايسىيادىكى پۇترا جامەسىگە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇدى ھەمدە قىرائەت پائالىيىتىنى مۇشۇ جامەدە ئۆتكۈزدى. جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىن كەلگەن ئەزىمەت قارىي تەكلىپكە بىنائەت قىرائەت قىلىپ، ياڭراق، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن جامائەتنى تەسىرلەندۈرۈپ، مەزكۇر جامەگە ھەيۋەت، ئۇلۇغۋار كەيپىيات بېغىشلىدى ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دوستانە، گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە مالايسىيا ئىسلام ئۇچۇر مۇلازىمىتى فوند جەمئىيىتى ”ئالتۇن دۇلدۇل خان سارىيى“ مېھمانخانىسىدا مېھمانلارغا ئىپتارلىق زىياپەت بەردى. زىياپەتكە مالايسىيانىڭ سابىق زۇڭلىسى ماھادىر، رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن، جۇڭگو دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ خۇيكاڭ،  قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. سابىق زۇڭلى ماھادىر مالايسىيا ھۆكۈمىىتىگە ۋاكالىتەن ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”مالايسىيادا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ، بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئارقىلىق مالايسىيا خەلقى جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندى. بىز جۇڭگودا 20 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بارلىقىنى بىلىمىز، جۇڭگودىكى دىنلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن قوغدىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، بىز يەنە جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن مالايسىيا جېڭخې كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ھاۋالە فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى جىنيو ئەپەندىمۇ قىزغىن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. بۇ زىياپەتكە كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مالايسىيا ئىسلام تەرەققىياتى ئىدارىسى، مالايسىيا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق ھەمكارلىقى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە مالايسىيانىڭ دىنىي زات ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، زىياپەت باشتىن-ئاخىر دوستانە، قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا داۋاملاشتى.   (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
     
يەنە >>سۈرەتلەر