ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قاھىرەدە ”مىسىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى، 2012-2013-ئوقۇش يىلىدىكى شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى“ ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ئەيگو ئەر-ئايال، شۇنداقلا ئەلچىخانا خىزمەتچى خادىملىرى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، مىسىردا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار، جۇڭگو كارخانىلىرى ھەمدە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋەكىلى بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
باش ئەلچى سۇڭ ئەيگو يىغىندا سۆز قىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا قەلبىنى ۋەتەنگە باغلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەن خەلقىگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ھەمدە جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر)