باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

دىن ئىشلىرى نىزامى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-04-23   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

 (2004-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 426-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2017-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 176-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

686-نومۇرلۇق

«دىن ئىشلىرى نىزامى» 2017-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 176-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «دىن ئىشلىرى نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2018-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى  لى كېچياڭ

2017-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى

 

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغداش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، باشقا-باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.

3-ماددا دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

4-ماددا دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن، قانۇن- نىزاملارغا ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدا، بىر دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا شۇنىڭدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىپ قىلىشىغا، قوللىشىغا، ئۇنىڭغا ماددىي ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، دۆلەتنى پارچىلىشىغا ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-ماددا دىنلار مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىن ئىشلىرى چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي خادىملار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، دوستانە ئۆتۈش ئاساسىدا تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ باشقا  تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تاشقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقە پائالىيەتلىرىدە قوشۇمچە دىنىي شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، دىن خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خىزمەت كۈچى ۋە زۆرۈر خىزمەت شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

2-باب دىنىي تەشكىلات

7-ماددا دىنىي تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىش كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ نىزامنامىسى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ نىزامنامە بويىچە قانات يايدۇرغان پائالىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

8-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار تۆۋەندىكىدەك فۇنكسىيەگە ئىگە:

(1) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا ھەمكارلىشىش؛

(2) دىن ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

(3) دىن مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈش، دىن ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش؛

(4) دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، دىنىي خادىملارنى بېكىتىش، باشقۇرۇش؛

(5) قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە دىنىي تەشكىلات نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا فۇنكسىيەلەر.

9-ماددا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلاتلار شۇ دىننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە، دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتسە ۋە چەت ئەلدىن كېلىپ دىن ئوقۇيدىغانلارنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشىگە ۋە چەت ئەلدىن كېلىپ دىن ئوقۇيدىغانلارنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي خادىملار دىنىي تەشكىلاتلار تۈزگەن قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

3-باب دىنىي مەكتەپ

11-ماددا دىنىي مەكتەپلەرنى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلاتلار قۇرىدۇ. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا دىنىي مەكتەپ قۇرۇشتا، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلاتلار دىنىي مەكتەپ قۇرۇلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلاشقا يوللىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىنى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى يوللىغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

13-ماددا دىنىي مەكتەپ قۇرىدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ئېنىق تەربىيەلەش نىشانى، مەكتەپ قۇرۇش نىزامنامىسى ۋە دەرسلىك تەسىس قىلىش پىلانى بولۇش؛

(2) تەربىيەلەش شەرتىگە توشىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇش؛

(3) زۆرۈر بولغان مەكتەپ قۇرۇش مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش؛

(4) ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە مەكتەپ كۆلىمىگە كېرەكلىك ئوقۇتۇش سورۇنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(5) مەخسۇس مەكتەپ مەسئۇلى، لاياقەتلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىچكى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى بولۇش؛

(6) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش.

14-ماددا تەستىق ئارقىلىق قۇرۇلغان دىنىي مەكتەپلەر ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئادرېسى، نامى، تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، تەربىيەلەش نىشانى، ئوقۇش تۈزۈمى، مەكتەپ كۆلىمى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش شۇنىڭدەك قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا، مۇشۇ نىزامنىڭ 12-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە رەسمىيەت ئۆتەش كېرەك.

16-ماددا دىنىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، كەسپىي ئۇنۋانىنى باھالاش، تەكلىپ قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشتە مۇئەييەن تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئايرىم چىقىرىدۇ.

17-ماددا دىنىي مەكتەپلەر چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى چەت ئەللىكلەر خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماققا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك.

18-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار ۋە ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ (تۆۋەندە ئىبادەتخانىلار دېيىلىدۇ)لاردىن دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەيدىغانلىرى ۋە 3 ئايلىقتىن ئارتۇق دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرىدىغانلىرى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

4-باب دىنىي پائالىيەت سورۇنى

19-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىبادەتخانىلار ۋە باشقا مۇقىم دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىبادەتخانىلار ۋە باشقا مۇقىم دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

20-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) قۇرۇش مەقسىتى مۇشۇ نىزامنىڭ 4-، 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىق؛

(2) شۇ جايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولۇش؛

(3) دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دىنىي خادىمى ياكى شۇ دىننىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا خادىمى بولۇش؛

(4) زۆرۈر مەبلىغى بولۇش، مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بولۇش؛

(5) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش، ئەتراپتىكى ئىدارىلەر ۋە ئاھالىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان بولۇش.

21-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتە، دىنىي تەشكىلاتلار دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى يوللىغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە باشقا مۇقىم دىنىي پائالىيەت ئورنى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ ئىبادەتخانىلارنى قۇرۇش ئىلتىماسى ھەققىدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرى شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلسا بولىدۇ.

22-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى قۇرۇش تەستىقلىنىپ تەييارلىقى باشلانغان ھەمدە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى، قائىدە-تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تىزىملاپ، «دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بېرىشى كېرەك.

23-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلىرى شۇ جايدىكى دىنىي تەشكىلاتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ قانۇنىي ئىگىنى تىزىملاتسا بولىدۇ.

24-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى ئۇنىڭ تىزىملاتقان مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىدىكى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك.

25-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى باشقۇرغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك. دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە شۇ سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

26-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئادەم، مالىيە، مۈلۈك، بوغالتىرلىق، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مۇھاپىزىتى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

27-ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، سورۇن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تىزىملاتقان تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك دىنىي پائالىيەت ۋە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

28-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا دىنىي بۇيۇم، دىنىي سەنئەت بۇيۇمى، دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى سېتىشقا بولىدۇ.

29-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى شۇ سورۇندا زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ياكى دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا خىلاپلىق قىلىشتەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھادىسە ياكى ۋەقە يۈز بەرگەندە، دىنىي پائالىيەت سورۇنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

30-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، ئىبادەتخانىلار ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىماقچى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساش توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلات، ئىبادەتخانىلاردىن باشقا تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىبادەتخانىلارنىڭ سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساش مەنئى قىلىنىدۇ.

31-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا سودا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرىدىغان، كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغان، كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىدىغان ۋە باشقا پائالىيەت قىلىدىغانلىرى ئالدى بىلەن شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

32-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دىنىي پائالىيەت سورۇنى سېلىش، ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساش يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

33-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئىچىدىكى ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىدىن سېلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتەش كېرەك.

دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى كېڭەيتىدىغان، باشقا جايغا سالىدىغانلار مۇشۇ نىزامنىڭ 21-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك.

34-ماددا مەنزىرە رايونىدا دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن مەنزىرە رايونىنى باشقۇرغۇچى تەشكىلات ۋە باغ-ئورمان، ئورمانچىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى، دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى، نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدىشى كېرەك.

دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئاساسلىق سەيلى-ساياھەت مەزمۇنى قىلىنغان مەنزىرە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىشى كېرەك.

35-ماددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولسىمۇ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋەكىلى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى شۇ جايدىكى دىنىي تەشكىلات ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىسىنى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۇ جايدىكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىسىدىكى پائالىيەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى قۇرۇش شەرتى ھازىرلانغاندىن كېيىن، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىسىدىكى دىنىي پائالىيەت مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

5-باب دىنىي خادىملار

36-ماددا دىنىي خادىملار دىنىي تەشكىلات تەرىپىدىن بېكىتىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

تىبەت بۇددا دىنى گېگەنىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى بۇددا دىنى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دىنىي يوسۇن ۋە تارىخىي تۈزۈم بويىچە بېجىرىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ياكى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ. كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپىنى كاتولىك دىنىنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

دىنىي خادىملىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەن ياكى دىنىي خادىملىق سالاھىيىتىدىن قالغانلار دىنىي خادىم سۈپىتىدە پائالىيەت قىلسا بولمايدۇ.

37-ماددا دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى شۇ دىننىڭ دىنىي تەشكىلاتى قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

38-ماددا دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، دىنىي قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش، دىنىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش، جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ.

39-ماددا دىنىي خادىملار قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەتكە قاتنىشىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بەلگىلىمە بويىچە دىنىي خادىملارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىشى كېرەك.

6-باب  دىنىي پائالىيەت

40-ماددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپ دىنىي پائالىيىتى ئادەتتە دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنى، دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي مەكتەپ تەشكىللىشى، دىنىي خادىم ياكى شۇ دىننىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا خادىملار رىياسەتچىلىك قىلىشى، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

41-ماددا غەيرىي دىنىي تەشكىلاتلار، غەيرىي دىنىي مەكتەپلەر، غەيرىي دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، بېكىتىلمىگەن ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت تەشكىللىشىگە، ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، دىنىي ئىئانە-ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

غەيرىي دىنىي تەشكىلاتلار، غەيرىي دىنىي مەكتەپلەر، غەيرىي دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، پۇقرالارنى چېگرادىن چىقىپ دىنغا دائىر كۇرس، يىغىن، پائالىيەت قاتارلىقلارغا قاتنىشىشقا تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ سىغدۇرۇش كۆلىمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ سىرتىدا چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە، ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دىنىي تەشكىلاتلار، ئىبادەتخانىلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىن 30 كۈن بۇرۇن چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. تەستىقلاش قارارى چىقىرىلغانلىرىنى تەستىقلىغان ئورگان ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

چوڭ دىنىي پائالىيەتلەر تەستىق ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە بىنائەن، دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇ نىزامنىڭ 4-، 5-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولماسلىقى كېرەك. ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دىنىي تەشكىلاتلار، ئىبادەتخانىلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ دىنىي پائالىيەتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تېگىشلىك باشقۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

43-ماددا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە ھەجگە بېرىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەيدۇ.

44-ماددا دىنىي مەكتەپتىن باشقا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا دىن تارقىتىش، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، دىنىي تەشكىلات قۇرۇش، دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

45-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر ۋە ئىبادەتخانىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە دىنغا ئائىت ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇمىنى تۈزۈپ باسسا، تارقاتسا بولىدۇ. ئاشكارا تارقىتىلىدىغان دىنىي نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىش دۆلەتنىڭ نەشر باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

دىنىي مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك نەشر بۇيۇمى دۆلەتنىڭ نەشر باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە ئويغۇن كېلىشى كېرەك ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(2) ئوخشاش بولمىغان دىنلارنىڭ ئىناقلىقى شۇنىڭدەك دىننىڭ ئىچكى ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(3) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان؛

(4) دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىپ قىلىدىغان؛

(5) دىننى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان.

46-ماددا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن، مۇۋاپىق ساندىن ئېشىپ كەتكەن دىنغا ئائىت نەشر بۇيۇمى ۋە باسما بۇيۇمنى چېگرادىن كىرگۈزۈش ياكى دىنغا ئائىت نەشر بۇيۇمى ۋە باسما بۇيۇمنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمپورت قىلىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

47-ماددا ئالاقە تورى دىن ئۇچۇرى مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.

48-ماددا ئالاقە تورى دىن ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى ئالاقىدار قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئالاقە تورى دىن ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ نىزامنىڭ 45-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ.

7-باب  دىنىي مال-مۈلۈك

49-ماددا  دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىگىلەپ تۇرغان دۆلەت ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ؛ باشقا قانۇنلۇق مال-مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ياكى باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

50-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قانۇنلۇق ئىشلىتىۋاتقان يەر، قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما، ئەسلىھە شۇنىڭدەك باشقا قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ۋە تاپاۋەتنى قانۇن قوغدايدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، تالاپ كېتىشىگە، بۆلۈشۈۋېلىشىغا، نابۇت قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز پېچەتلىشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا، توڭلىتىپ قويۇشىغا، مۇسادىرە قىلىشىغا، نېرى-بېرى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئىگىلەپ تۇرغان، پايدىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى نابۇت قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

51-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي ۋە ئىشلىتىۋاتقان يەر قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتىغا كۆچمەس مۈلۈك قاتارىدا تىزىملاشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىدىغان، يۆتكەيدىغانلىرى تىزىمىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى، يۆتكىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ياكى يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

52-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە كىرىمى ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەتكە شۇنىڭدەك جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، تەقسىم قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

53-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەردىن مەبلەغ ئىئانە قىلىپ دىنىي پائالىيەت سورۇنى سالدۇرغانلىرى شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ، شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن ئىقتىسادىي نەپ ئالسا بولمايدۇ.

دىنىي پائالىيەت سورۇنى ياكى ئوچۇقچىلىقتىكى چوڭ دىنىي ھەيكەللەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ، دىن نامى بىلەن سودا تەشۋىقاتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

54-ماددا دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىكى دىنىي پائالىيەتكە ئىشلىتىدىغان ئۆي، قۇرۇلمىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قوشۇمچە سېلىنغان  دىنىي خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى ماددىي سېلىنما قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

55-ماددا جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ ئۆي ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى پۇل تولۇقلىمىسى ئېلىشنى تاللىسىمۇ،  ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ياكى قايتىدىن سېلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

56-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملار قانۇن بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ دىن تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

57-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئىئانە-ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ شەرت قويۇلغان ئىئانە-ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئىئانە-ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دىنىي ئادەت بويىچە پۇقرالارنىڭ ئىئانە-ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، لېكىن مەجبۇرلاشقا ياكى سېلىق سېلىشقا بولمايدۇ.

58-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن مالىيە، مۈلۈك، بوغالتىرلىق تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىشى، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا مالىيە ئەھۋالى، كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ۋە ئىئانە-ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى، ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېلان قىلىشى كېرەك. دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى دۆلەتنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىققا ئالاقىدار تۈزۈملىرى بويىچە، بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىش، مالىيەنى دوكلات قىلىش، مالىيەنى ئاشكارىلاش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولغان مالىيە بوغالتىرلىق خادىمىنى سەپلەپ، مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ مالىيەسى ۋە مەبلىغىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلسا بولىدۇ.

59-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي  پائالىيەت سورۇنلىرى قانۇن بويىچە باج تىزىملىتىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي خادىملار قانۇن بويىچە باج مەلۇم قىلىشى كېرەك، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

باج تارماقلىرى دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي خادىملارغا قانۇن بويىچە باج باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

60-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن تىزىمدىن ئۆچۈرۈلىدىغانلىرى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلىدىغانلىرى مال-مۈلكىنى ئېنىقلىشى، ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاشقان مال-مۈلكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەك.

8-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

61-ماددا دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت خادىملىرىدىن چارە كۆرۈلىدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

62-ماددا پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىغان ۋە ياكى دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاشىلا قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

63-ماددا دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىپ قىلىپ، قوللاپ ۋە ماددىي ياردەم بېرىپ ياكى دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە تېررورلۇق قىلىش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىغا چېقىلىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىش، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىگە چېقىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ تەرتىپكە سېلىشى كېرەك، تەرتىپكە سېلىشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى قۇرۇش ئىجازىتىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

64-ماددا چوڭ دىنىي پائالىيەت جەريانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە جازالايدۇ؛ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دىنىي تەشكىلات، ئىبادەتخانىلارنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسىنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان بىكار قىلىدۇ.

ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ دىنىي پائالىيەتنى دىنىي تەشكىلات، دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرىسا بولىدۇ.

65-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان كۈندىلىك پائالىيىتىنى توختىتىشقا، باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنى قايتىدىن تەشكىللەشكە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى قۇرۇش ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بولسا مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) دىنىي مەكتەپلەردىن تەربىيەلەش نىشانىغا، مەكتەپ قۇرۇش نىزامنامىسىگە ۋە دەرسلىك تەسىس قىلىش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى؛

(3) دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغان ياكى باشقۇرۇش تۈزۈمى تەلەپكە يەتمىگەنلىرى؛

(4) دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىنىي پائالىيەتكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي، قۇرۇلما شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قوشۇمچە سېلىنغان دىنىي خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، رەنە قويغان ياكى ماددىي سېلىنما قىلىپ سالغانلىرى؛

(5) دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا يۈز بەرگەن زور ھادىسە، زور ۋەقەنى ۋاقتىدا دوكلات قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(6) مۇشۇ نىزامنىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلار؛

(7) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىئانە-ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلغانلار؛

(8) مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى رەت قىلغانلار.

66-ماددا ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىسىدىكى پائالىيەت مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، پائالىيەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇ ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بولسا مۇسادىرە قىلىدۇ.

67-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن دۆلەتنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق، مۈلۈك، باج باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مالىيە، باج تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى قۇرۇش ئىجازىتىنى مالىيە، باج تارماقلىرىنىڭ پىكرى ئارقىلىق تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان بىكار قىلىدۇ.

68-ماددا دىنىي مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك نەشر بۇيۇمى ياكى ئالاقە تورى دىن ئۇچۇرى مۇلازىمىتىدە مۇشۇ نىزامنىڭ 45-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا، ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك جاۋابكار ئورۇن ۋە خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئالاقە تورى دىن ئۇچۇرى مۇلازىمىتى قىلغان، تەستىقلانغان ياكى ئەنگە ئېلىنغان تۈردىن ھالقىپ مۇلازىمەت قىلغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

69-ماددا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي پائالىيەت سورۇنى قۇرغانلار، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ياكى تىزىم گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان دىنىي سورۇندا دىنىي پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر ۋە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي مەكتەپ قۇرغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ سالغان ئۆيى، قۇرۇلمىلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

غەيرىي دىنىي تەشكىلاتلار، غەيرىي دىنىي مەكتەپلەر، غەيرىي دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، بېكىتىلمىگەن ۋاقىتلىق پائالىيەت نۇقتىلىرىدىن دىنىي پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، ئۆتكۈزگەن، دىنىي ئىئانە-ھەدىيەنى قوبۇل قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، قۇرۇلۇش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

70-ماددا پۇقرالارنى چېگرادىن چىقىپ دىنغا دائىر كۇرس، يىغىن، ھەج پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەنلەر ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

دىنىي مەكتەپتىن باشقا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن دىن تارقاتقان، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، دىنىي تەشكىلات قۇرغان، دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلغانلىرىنى تەستىقلىغان ئورگان ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، مەكتەپ قۇرۇش ئىجازىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

71-ماددا قانۇنغا خىلاپ دىنىي پائالىيەتكە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە دىن ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ سالغان ئۆيى، قۇرۇلمىلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

72-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى زېمىن بايلىقى، پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ھەيكەل قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ %5ىدىن يۇقىرى، %10ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ياكى ئوچۇقچىلىققا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساشقا مەبلەغ سالغان، ئۇنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، پىلانلاش، قۇرۇلۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئالاقىدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

73-ماددا دىنىي خادىملاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە دىن ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئۇلارنىڭ دىن ئىشلىرىغا دائىر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ياكى دىنىي خادىملىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ ياكى دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىپ قىلىش، قوللاش، ئۇنىڭغا ماددىي ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش؛

(2) چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرگە بېقىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلات ياكى ئاپپاراتلارنىڭ دىنىي ۋەزىپىگە قويۇشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىش شۇنىڭدەك دىننى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش؛

(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىئانە-ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىش؛

(4) تەستىقلانمىغان دىنىي پائالىيەت سورۇنى سىرتىدا تەستىقسىز ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي پائالىيەتنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش؛

(5) قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

74-ماددا يالغاندىن دىنىي خادىم بولۇۋېلىپ دىنىي پائالىيەت قىلىش ياكى پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنسىز مال-مۈلكى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

75-ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

9-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

76-ماددا ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىنىڭ دىن ئالاقىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

77-ماددا بۇ نىزام 2018-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
يەنە >>سۈرەتلەر