باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-04-13   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

(2018-يىلى3-ئاينىڭ 11-كۈنى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1-يىغىنىدا ماقۇللاندى(

32-ماددا ئاساسىي قانۇن سۆز بېشىنىڭ 7-تەبىئىي ئابزاسىدىكى «ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە» دېگەن جۈملە «ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە» دەپ تۈزىتىلدى؛ «سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ» دېگەن جۈملە «سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ» دەپ تۈزىتىلدى؛ «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ» دېگەن جۈملىنىڭ ئالدىغا «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ» دېگەن جۈملە قوشۇلدى؛ «ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ» دېگەن جۈملە «ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي-دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ تەبىئىي ئابزاس مۇناسىپ ھالدا مۇنداق تۈزىتىلدى: «جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى−جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن- تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي-دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

33-ماددا ئاساسىي قانۇن سۆز بېشىنىڭ 10-تەبىئىي ئابزاسىدىكى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا» دېگەن جۈملە «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات داۋامىدا» دەپ تۈزىتىلدى؛ «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى» دېگەن جۈملە «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ تەبىئىي ئابزاس مۇناسىپ ھالدا مۇنداق تۈزىتىلدى: «سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش شەرت. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئۆتمۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلەردە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.

34-ماددا ئاساسىي قانۇن سۆز بېشىنىڭ 11-تەبىئىي ئابزاسىدىكى «باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى ۋە بۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى» دېگەن جۈملە «باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى ۋە بۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى» دەپ تۈزىتىلدى.

35-ماددا ئاساسىي قانۇن سۆز بېشىنىڭ 12-تەبىئىي ئابزاسىدىكى «جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ» دېگەن جۈملە «جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى: «جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ» دېگەن جۈملىنىڭ كەينىگە «تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ» دېگەن جۈملە قوشۇلدى؛ «ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ» دېگەن جۈملە «ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ تەبىئىي ئابزاس مۇناسىپ ھالدا مۇنداق تۈزىتىلدى: «جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر- بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

36-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 1-ماددا 2-تارمىقىدىكى «سوتسىيالىستىك تۈزۈم −جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ تۈزۈمى»دېگەن جۈملىنىڭ كەينىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى−جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» دېگەن جۈملە قوشۇلدى.

37-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى «دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.» دېگەن جۈملە «دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

38-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 4-ماددا 1-تارمىقىدىكى «دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ» دېگەن جۈملە «دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

39-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 24-ماددا 2-تارمىقىدىكى «دۆلەت ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دېگەن جۈملە «دۆلەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ تارماق مۇناسىپ ھالدا مۇنداق تۈزىتىلدى: «دۆلەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلققە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق، ئىنتېرناتسىيونالىزم، كوممۇنىزم، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم تەربىيەسى بېرىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئوداللىق چىرىك ئىدىيەگە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرىدۇ.

40-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 27- ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3- تارمىقى قىلىندى: «دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا ئاشكارا قەسەم بېرىشى كېرەك.

41-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 62- ماددىسىدىكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ» دېگەن مەزمۇنغا «دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلايدۇ» دېگەن بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، 7-تارماقچە قىلىندى، 7-تارماقچىدىن كېيىنكى تارماقچىلىرىنىڭ رەت نومۇرى تەڭشەلدى.

42-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 63-ماددىسىدىكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق» دېگەن مەزمۇنغا «دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى» دېگەن بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، 4- تارماقچە قىلىندى، 4-، 5-تارماقچىلىرى مۇناسىپ ھالدا 5-، 6-تارماقچىغا ئۆزگەرتىلدى.

43-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 65-ماددا 4-تارمىقىدىكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ» دېگەن جۈملە «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

44-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 67-ماددىسىدىكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ» دېگەن مەزمۇننىڭ 6-تارماقچىسىدىكى «(6) گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ» دېگەن جۈملە «(6) گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى؛ يەنە «(11) دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ» دېگەن بىر تارماقچە قوشۇلۇپ 11-تارماقچە قىلىندى؛ 11-تارماقچىدىن كېيىنكى تارماقچىلىرىنىڭ رەت نومۇرى مۇناسىپ ئۆزگەرتىلدى.

ئاساسىي قانۇننىڭ 70-ماددا 1-تارمىقىدىكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ» دېگەن جۈملە «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

45-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 79-ماددا 3-تارمىقىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ» دېگەن جۈملە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.» دەپ تۈزىتىلدى.

46-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 89- ماددىسىدىكى «گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ» دېگەن مەزمۇننىڭ 6-تارماقچىسىدىكى «(6) ئىقتىسادىي خىزمەت ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ» دېگەن جۈملە «(6) ئىقتىسادىي خىزمەت ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى، 8- تارماقچىدىكى «(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە رېۋىزىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ» دېگەن جۈملە «(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

47-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 100-ماددىسىغا «رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە ئۆزى قاراشلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يەرلىك نىزام چىقىرىپ، ئۆزى قاراشلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ» دېگەن بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2- تارماق قىلىندى.

48-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 101-ماددا 2-تارمىقىدىكى «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق» دېگەن جۈملە «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق» دەپ تۈزىتىلدى.

49-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 103-ماددا 3-تارمىقىدىكى «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ» دېگەن جۈملە «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

50-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 104-ماددىسىدىكى «شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ» دېگەن جۈملە «شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ ماددا مۇناسىپ ھالدا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خىزمەتلىرىدىكى چوڭ- چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلايدۇ.

51-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 107-ماددا 1-تارمىقىدىكى «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، رېۋىزىيە، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ، مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيەلەيدۇ، سىنايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ» دېگەن جۈملە «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ، مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيەلەيدۇ، سىنايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

52-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ «دۆلەت ئاپپاراتلىرى» دېگەن 3- بابىغا «رېۋىزىيە كومىتېتلىرى» دېگەن بىر پاراگراف قوشۇلۇپ، 7-پاراگراف قىلىندى؛ بەش ماددا قوشۇلۇپ، 123-، 124-، 125-، 126-، 127-ماددا قىلىندى، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

7-پاراگراف رېۋىزىيە كومىتېتلىرى

123-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە ئورگانلىرىدۇر.

124-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.

  رېۋىزىيە كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:

  مۇدىر،

  مۇئاۋىن مۇدىرلار،

  ئەزالار.

  رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

  رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

125-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئەڭ ئالىي رېۋىزىيە ئورگىنىدۇر.

 دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

126-ماددا دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى رېۋىزىيە كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

127-ماددا رېۋىزىيە كومىتېتلىرى رېۋىزىيە ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك.

  ئەسلىدىكى 7-پاراگراف 8-پاراگرافقا ئۆزگەرتىلىپ، 123-ماددىدىن كېيىنكى ماددىلارنىڭ رەت نومۇرى مۇناسىپ تەڭشەلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- مارت تېلېگراممىسى

يەنە >>سۈرەتلەر