باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-11   

(2014–يىل 11–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11–يىغىندا ماقۇللاندى)

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ نىزام پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغداش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دىن ئىشلىرىغا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا ئازدۇرۇشىغا، زورلىشىغا ۋە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، باشقا–باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىر–بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، بىر–بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنلار ئوتتۇرىسىدا، شۇ دىننىڭ ئۆزىدە شۇنىڭدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4–ماددا دىن ئىشلىرىدا قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، دىن ئىشلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي خادىملار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش–ئىلگىرىلەشكە، مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈش، دىنلار ئىناق ئۆتۈشكە پائال يېتەكلىنىدۇ، دىن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىنىدۇ.

 5–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي خادىملارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى شۇنىڭدەك نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن، قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك. دىنىي پائالىيەتنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قىلىشى كېرەك.

 تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىق توسۇشى، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلايدىغان، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت، ۋارىسلىق تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملىرىگە دەخلى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

 6–ماددا دىنلار مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار شۇنىڭدەك دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇلارغا بېقىنمايدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي خادىملار چېگرا سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي زاتلار بىلەن دوستانە باردى–كەلدى قىلىشتا ياكى دىن مەدەنىيىتى –ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن–نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى، بۇ ئىشلارنى تاشقى ئىشلار تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، باراۋەر، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىق ئاساسىدا قىلىشى كېرەك.

 7–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە قاندۇرۇشى؛ قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە توسۇشى، دىنىي ئەسەبىيلىك جىنايىتىگە زەربە بېرىشى، دىنىي ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشى كېرەك.

8–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دىن ئىشلىرىغا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزا–بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز تەۋەلىكىدىكى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

 كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى دىن ئىشلىرىغا بولغان دائىملىق باشقۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 9–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، دىن ئەسەبىيلىكىنى توسۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي خادىملارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2–باب دىنىي تەشكىلات

10–ماددا دىنىي تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگاندا تىزىم رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتەش كېرەك.

11–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

 (1) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇلارغا ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دىن ئەسەبىيلىكىنى توسۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ھەققىدە تەربىيە بېرىش؛

 (2) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش؛

 (3) شۇ تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت قىلىش؛

 (4) دىنىي سورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە نورمال دىنىي پائالىيەت قىلىشىغا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىش؛

 (5) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

12–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار دىنىي مەكتەپ، دىنىي كۇرس (نۇقتا)، ئىستىقامەت كۇرسى (نۇقتىسى)، ئىلاھىيەت كۇرسى (نۇقتىسى) ۋە دىنىي تۈس ئالغان كۇرس (نۇقتا) ئېچىشتا، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي مەكتەپ، دىنىي كۇرس (نۇقتا)، ئىستىقامەت كۇرسى (نۇقتىسى)، ئىلاھىيەت كۇرسى (نۇقتىسى) ۋە دىنىي تۈس ئالغان كۇرس (نۇقتا) ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئېچىلغان دىنىي مەكتەپ، دىنىي كۇرس (نۇقتا)، ئىستىقامەت كۇرسى (نۇقتىسى)، ئىلاھىيەت كۇرسى (نۇقتىسى) ۋە دىنىي تۈس ئالغان كۇرس (نۇقتا)غا ئوقۇتقۇچى، ماتېرىيال، سورۇن، ئەسلىھە، خىراجەت قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار دىنىي خادىملارنى بېكىتىشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى، دىنىي خادىمنى ئۆز ئالدىغا بېكىتمەسلىكى، ئەۋەتمەسلىكى، كۆرسەتمەسلىكى، تەكلىپ قىلماسلىقى ياكى ئېلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

 14–ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەش كېرەك.

3–باب دىنىي سورۇن

15–ماددا دىنىي سورۇن قۇرۇشتا، دىنىي تەشكىلات دىنىي سورۇن قۇرۇلىدىغان جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تەكشۈرۈش پىكرىنى قويۇشى، قوشۇلىدىغانلىرىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، مەسچىت – ئىبادەتخانا، ساڭرام–تويىن ئىبادەتخانىسى، چېركاۋ (تۆۋەندە مەسچىت – ئىبادەتخانا دېيىلىدۇ) قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق پىكرىنى قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى؛ باشقا مۇقىم دىنىي سورۇن قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسچىت – ئىبادەتخانا قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

دىنىي سورۇن قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، دىنىي تەشكىلات شۇ سورۇننىڭ پىلانلاش، يەر ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەت رەسمىيىتىنى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ.

16–ماددا قۇرۇش تەستىقلانغان دىنىي سورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىم رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

دىنىي سورۇننى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىي تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ مۇناسىپ تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتەش كېرەك.

17–ماددا دىنىي سورۇننى قايتا قۇرىدىغان، كېڭەيتىدىغان، ئۆزگەرتىدىغانلار ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. تەكشۈرۈش پىكرىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارىنى تەكشۈرۈش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە چىقىرىشى كېرەك.

دىنىي سورۇننى تولۇق رېمونت قىلىدىغانلار ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

دىنىي سورۇننى قىسمەن رېمونت قىلىدىغانلار يېزا بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كوچا باشقارمىسىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

دىنىي سورۇننى قايتا قۇرۇش، كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، تولۇق رېمونت قىلىش ۋە قىسمەن رېمونت قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.

18–ماددا دىنىي سورۇنلار باشقۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

دىنىي سورۇننى باشقۇرۇش تەشكىلاتى تەركىبىدىكىلەر دېموكراتىك كېڭىشىش، كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە شۇ سورۇننى تىزىملىغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

 دىنىي سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئىشنى ئادىل قىلىشى، مەلۇم دىنىي بىلىم ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

 19–ماددا دىنىي سورۇننى باشقۇرۇش تەشكىلاتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

 (1) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارغا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش؛

 (2) ئادەم، مالىيە، بوغالتىرلىق، مۈلۈك، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مۇھاپىزىتى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مالىيە كىرىم–چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش؛

 (3) دىنىي پائالىيەت ۋە كۈندىلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، شۇ سورۇننىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش؛

 (4) ئالاقىدار تارماقنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش.

 دىنىي سورۇننى باشقۇرۇش تەشكىلاتى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشى، قانۇنچىلىققا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى توسۇشى ھەمدە مەسئۇل تارماققا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

20–ماددا دىنىي سورۇنلار دىنىي ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئىئانە پۇلى، ئىئانە بۇيۇمىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، لېكىن، ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە نام بىلەن سېلىق سالسا، ئىئانە سورىسا بولمايدۇ.

21–ماددا دىنىي سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، قۇترىتىش، تەرغىب قىلىش، قانۇنسىز ۋەز ئېيتىلغان ئۈن–سىن ھاسىلاتلىرىنى قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

22–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس دىنىي سورۇنغا كىرگەندە دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ھۆرمەتلىشى، دىنىي سورۇننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

4–باب دىنىي خادىملار

 23–ماددا دىنىي خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە تىزىملاتقان دىنىي تەشكىلات ئالاقىدار بەلگىلىمىدىكى شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە بېكىتىدۇ ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

بېكىتىلگەن ھەمدە ئەنگە ئېلىنغان دىنىي خادىملار بەلگىلەنگەن دىنىي سورۇندا تەكلىپ بىلەن دىنىي پائالىيەت قىلسا بولىدۇ.

24–ماددا بېكىتىلمىگەن ۋە ئەنگە ئېلىنمىغان، تەكلىپ قىلىنمىغان خادىملار ياكى دىنىي خادىملىقتىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 دىنىي تەشكىلاتتىن باشقا تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي خادىملارنى ئەۋەتىشى، كۆرسىتىشى، تەكلىپ قىلىشى ياكى ئېلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

25–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:

    (1) چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ ئوتۇغات نامىسى، تەيىننامىسى ۋە شەرەپ نامىسىنى قوبۇل قىلىش؛

 (2) چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىش؛

 (3) ئۆز ئالدىغا ‹‹ئىجازەت بېرىش››، ئىمام قويۇش، دىنىي خۇراپاتلىق ئىمتىيازنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

 (4) تەرغىباتچى بولۇۋېلىش ھەمدە مۇرد ئېلىش، دىنىي تەشكىلات قۇرۇش؛

 (5) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ‹‹گىگەن›› ۋارىسى قويۇش، شۇنىڭدەك رايون ھالقىپ ‹‹گىگەن›› ۋارىسىنى ئىزدەش، بېكىتىش؛

 26–ماددا دىنىي خادىملار قانۇنغا بىنائەن، ئۆز دىنىي تەشكىلاتى بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئۆز دىنىي سورۇنىدا دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

 دىنىي سورۇندا دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەرغىب قىلىنغان سۆزلەر، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلسە، دىنىي خادىملار توسۇشى ھەمدە مەسئۇل تارماققا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

27–ماددا ناھىيە (شەھەر، رايون) ھالقىپ دىنىي خادىم تەكلىپ قىلىشتا، تەكلىپ قىلىدىغان دىنىي سورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دىنىي تەشكىلاتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) ھالقىپ دىنىي خادىم تەكلىپ قىلىشتا، تەكلىپ قىلىدىغان دىنىي سورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دىنىي تەشكىلات ۋە ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

28–ماددا دىنىي خادىملاردىن شاگىرت تەربىيەلەپ بېرىدىغانلىرى ھەققىدە دىنىي تەشكىلات ئىلتىماس قىلىشى، يېزا–بازارلىق، خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

 29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، قەرەللىك ھالدا تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، دىنىي خادىملارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى، دىنىي بىلىمى ۋە تەپسىرچىلىك، ۋەزچىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

30-ماددا دىنىي خادىملار ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشى، ھەققانىيەتنى ياقىلىشى، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا، زورلاشقا يول قويۇلمايدۇ؛ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ھاقارەتلەشكە يول قويۇلمايدۇ ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى قۇترىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ھاقارەتلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

 5-باب دىنىي پائالىيەت

31-ماددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان دىنىي سورۇندا قىلىشى كېرەك.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار شەخسىي دىنىي پائالىيەت قىلىشتا، ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى، تۇرمۇش تەرتىپىگە ۋە جامائەت سورۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ئورگىنى، خەلق مائارىپى مەكتىپى، جامائەت كەسپىي ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەرقانداق شەكىلدە دىنىي پائالىيەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن قىسمەن دىنىي تۈس ئالغان ۋە دىنىي ئەنئەنىگە ئىگە مىللىي ئۆرپ–ئادەتنىڭ چەك–چېگراسىنى ئايرىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

 32–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي سورۇندىن باشقا جايدا ۋەز ئېيتىشىغا، ئەمىر–مەرۇپ قىلىشىغا ۋە دىن تارقىتىشىغا، شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

33–ماددا دىنىي تەشكىلات، مەسچىت–ئىبادەتخانىلارنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ باشقا مەمۇرىي رايوندا ياكى دىنىي سورۇن سىرتىدا دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

34–ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 33–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دىنىي پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

 (1) پائالىيەت مەزمۇنى قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، دىنىي قائىدە ۋە ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئۇيغۇن بولۇش؛

 (2) دىنىي پائالىيەت تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە زۆرۈر شارائىتى بولۇش؛

 (3) ئىمارەت، ئەسلىھە ۋە سورۇن بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

 (4) جامائەت تەرتىپى ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولۇش؛

 (5) جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مۇكەممەل، بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقى ئېنىق، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرى تولۇق بولۇش؛

 (6) قانۇن – نىزاملاردا ھازىرلاش بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

35–ماددا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ھەج قىلىشى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ؛ باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق نام بىلەن ھەج پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 36–ماددا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن–نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەستىق بىلەن، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغان ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقى، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە شۇ دىننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ.

باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي ئىئانىسى، ماددىي ياردىمى ۋە دىن تارقىتىش خىراجىتىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

37–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللىشىگە، ئازدۇرۇشىغا، زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

38–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا، دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشىغا، دىنىي پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ ياكى دىن نامى بىلەن، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ قاتارلىق مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە، ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىۋېلىشىغا، قانۇن بويىچە تىزىملانغان نىكاھ ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىگە؛ تەقى – تۇرۇق، كىيىم – كېچەك، بەلگە – بۇيۇم قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دىن تەلۋىلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈشىگە، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىشىغا؛ باشقىلارنى دىن ئەسەبىيلىكى تۈسىنى ئالغان كىيىم – كېچەك كىيىشكە، دىن ئەسەبىيلىكى تۈسىنى ئالغان بەلگە – بۇيۇملارنى تاقاشقا زورلىشىغا، مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

39–ماددا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان دىنىي نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈن – سىن ھاسىلاتىنى نەشر قىلىش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

 دىنىي مەزمۇندىكى ئىچكى ماتېرىيالنى تۈزۈپ بېسىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا بېسىشقا رۇخسەت قىلىش رەسمىيىتى ئۆتەش، ئۇنى تەستىقلانغان دائىرىدە تارقىتىش كېرەك.

 ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز نەشر قىلىنغان، قانۇنسىز بېسىلغان ياكى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن دىنىي نەشر بۇيۇمى ۋە دىن تەشۋىقاتى بۇيۇملىرىنى تۈزۈشىگە، ئىشلىشىگە، كۆپەيتىشىگە، توشۇشىغا، سېتىشىغا، تارىتىشىغا، تارقىتىشىغا ۋە چاپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

40–ماددا دىنىي مەزمۇنغا چېتىلىدىغان نەشر بۇيۇم ۋە ئۈن – سىن ھاسىلاتىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

 (1) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن– تېخنىكا تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

 (2) مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشقا قۇترىتىش؛

 (3) مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىن ئەسەبىيلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىش؛

 (4) دىنلار ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش، ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدا ياكى شۇ دىننىڭ ئۆزىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىش؛

 (5) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزۈش؛

 (6) قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا مەزمۇنلار.

 41–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ رەقەملىك نەشر بۇيۇمى، ئىنتېرنىت تورى، كۆچمە تېلېفون، كۆچمە ساقلىغۇچ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ نىزامنىڭ 40–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى ئاڭلىشىغا، كۆرۈشىگە، ساقلىشىغا، ئىلكىدە تۇتۇشىغا، ئىشلىشىگە، كۆپەيتىشىگە ۋە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى قوبۇللاش ئەسلىھەسىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، چېگرا ئىچى–سىرتىدىن تارقىتىلغان دىنىي رادىيو– تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىشىغا، كۆرۈشىگە، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 6–باب دىنىي مال–مۈلۈك

42–ماددا دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ قانۇنلۇق مال–مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ. دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلار مالىيە كىرىم–چىقىم ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلغان ئىئانىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارغا قەرەللىك ئېلان قىلىشى ھەمدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

 43–ماددا جامائەت مەنپەئىتى سەۋەبى بىلەن، دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ ئۆيلىرى، قۇرۇلمىلىرىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى ئالغۇچىلار شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلات بىلەن كېڭىشىشى ھەمدە ئۆي، قۇرۇلما بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر كېڭىشىپ ئېلىشقا قوشۇلسا، ئۇنى ئالغۇچىلار ئېلىنغان ئۆي، قۇرۇلما ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما بېرىشى ياكى ئۇنى قايتا سېلىپ بېرىشى كېرەك.

44-ماددا دىنىي سورۇن ئاساسىي ساياھەت مەزمۇنى قىلىنغان ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نى پىلانلاپ قۇرۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئىشىك بېلىتى قاتارلىق كىرىمىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى شۇ دىنىي سورۇننىڭ قۇرۇلۇش قىلىش، رېمونت قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا ئىشلىتىشىگە بېرىشى كېرەك.

 ئالاقىدار تارماقلار دىنىي سورۇنغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى بېكىتىش ياكى تەڭشەشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى، ئالاقىدار دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

 7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

45-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

46-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 5-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مۇشۇ نىزامنىڭ 5-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

دىنىي پائالىيەت جەريانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلار ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

 47-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 21- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

48-ماددا دىنىي تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا دىنىي خادىمنى بېكىتكەن، ئەۋەتكەن، كۆرسەتكەن، تەيىنلىگەن ياكى ئېلىۋەتكەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

 49-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 15-، 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي ۋە تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي سورۇن قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئۆيى، قۇرۇلمىسى بارلارنى ياكى يەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

50-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىنىي سورۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قايتا سالغان، كېڭەيتكەن، ئۆزگەرتكەن، تولۇق رېمونت قىلغان ۋە قىسمەن رېمونت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئۆي، قۇرۇلمىسى بارلارنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

53-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان قىلمىشىغا قاراپ، شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ پۇل-مېلى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ پۇل-مېلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

مۇشۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان شەخسلەرگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 54-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 26-، 27-، 28- ۋە 30-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئالاقىدار دىنىي تەشكىلاتقا شۇ دىنىي خادىمنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماق نەسىھەت قىلىپ توسىدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ نەسىھەت قىلىپ توسقانغا قارىماي، جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

 56-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 33-، 35-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دىنىي تەشكىلاتلار، مەسچىت-ئىبادەتخانىلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا مەمۇرىي رايوندا ياكى دىنىي سورۇن سىرتىدا دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات ۋە مەسچىت- ئىبادەتخانىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

 58-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 36-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ دىنىي ئىئانىسى، ماددىي ياردىمى ۋە دىن تارقىتىش خىراجىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.

 59-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى، مائارىپ تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

 60-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

61-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 39-، 40-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، دىنىي نەشر بۇيۇمى، ئۈن-سىن ھاسىلاتى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 62-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئالاقىدار تور پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

63-ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن دىن ئىشلىرى خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

 64-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى ياكى باشقا جازا بېرىلىدىغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تارماق ئايرىم - ئايرىم جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

 8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

65-ماددا بۇ نىزامدىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

 دىنىي تەشكىلات دېگىنىمىز، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئىسلام جەمئىيىتى، بۇددا دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

دىنىي سورۇن دېگىنىمىز، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ۋە تىزىمغا ئېلىنغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار دىنىي پائالىيەت قىلىدىغان مەسچىت - ئىبادەتخانا، شۇنىڭدەك باشقا مۇقىم دىنىي سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

دىنىي خادىملار دېگىنىمىز، دىنىي تەشكىلات بېكىتكەن ھەمدە دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان، دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

دىنىي پائالىيەت دېگىنىمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەر ۋە دىنىي ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قىلغان پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

دىنىي مال-مۈلۈك دېگىنىمىز، دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن قانۇنلۇق ئىشلىتىدىغان يەر، قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان ئۆي، قۇرۇلما، باغچە، ئەسلىھە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، دىنىي بۇيۇم، ھەر خىل ئىئانىلەر ۋە تىجارەت-مۇلازىمەت كىرىمى، شۇنىڭدەك باشقا قانۇنىي مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ.

قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دېگىنىمىز، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپ بولغان شۇنىڭدەك مۇشۇ نىزامدا مەنئى قىلىنغان دىنىي ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 دىن ئەسەبىيلىكى دېگىنىمىز، دىن ئەقىدىلىرىنى بۇرمىلاش ۋە دىن ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلىش، شۇنىڭدەك زوراۋانلىققا چوقۇنۇش، جەمئىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئەسەبىي ئىدىيە، سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

66-ماددا بۇ نىزام 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1994-يىل7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

 (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
يەنە >>سۈرەتلەر