باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى (ئۈزۈندى)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   
34- ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18 گە توشقان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنى ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
36-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتى ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دىنى تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر