باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى (ئۈزۈندى)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-04   
251-ماددا قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
300-ماددا خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىنلىپ دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىغا تەگكەن، پۇل-مالنى ئالداپ ئىلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236-، 266- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر