باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى(ئۈزۈندى)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-03   
1-    ماددا بۇ قانۇن نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مىزانى.
2-    ماددا نىكاھتا ئەركىن بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.
پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلىدۇ.
3-    ماددا نىكاھقا چات كېرىۋىلىش، نىكاھتا سودىلىشىش قىلمىشى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل-مال ئۈندۈرۈۋىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قوش نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىنى خورلىشى، تاشلىۋىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
4-   ماددا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر