باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

دىن ئىشلىرى نىزامى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

 

1-ماددا بۇ نىزام پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلاش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، باشقا-باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.

3-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە نورمال دىنى پائالىيەتنى قوغدايدۇ، دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن، قانۇن، قانۇن- نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزۇشىغا، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا، شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4-ماددا دىنلار مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي ئىشلار چەتئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.

دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن، دىنىي خادىملار دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تاشقى ئالاقىنى يولغا قويىدۇ؛ باشقا تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تاشقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىدار قوشۇمچە دىنىي شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

2-باب دىنىي تەشكىلات

 

6-ماددا دىنىي تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتە«ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

دىنىي تەشكىلات نىزامنامىسى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بويىچە قانات يايدۇرغان پائالىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

7-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار دىنغا ئائىت ئىچكى نەشر بۇيۇمىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ. ئاشكارا تارقىتىلىدىغان دىنىي نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىشتا دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

دىنىي مەزمۇن بار نەشر بۇيۇملىرى«نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان؛

(2) باشقا-باشقا دىنلار ئارىسىدا ۋە دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان؛

(3) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان؛

(4) دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان؛

(5) دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان.

8-ماددا دىنىي مەكتەپ قۇرۇشتا، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات دىنىي مەكتەپ قۇرۇلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قوشۇلىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىنى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دىنىي مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

9-ماددا قۇرۇلىدىغان دىنىي مەكتەپ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) تەربىيىلەش نىشانى، مەكتەپ نىزامنامىسى ۋە تەسىس قىلىنىدىغان دەرسلىك پىلانى ئېنىق بولۇش؛

(2) تەربىيىلەش شەرتىگە توشىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇش؛

(3) مەكتەپ قۇرۇشتا زۆرۈر مەبلەغ ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش؛

(4) ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە مەكتەپ كۆلىمىگە مۇناسىپ ئوقۇتۇش سورۇنى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(5) مەكتەپنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى، لاياقەتلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىچكى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى بولۇش؛

(6) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش.

10-ماددا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات شۇ دىننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتسە ۋە چەتئەلدىن كەلگەن دىن ئوقۇيدىغانلارنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

11-ماددا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەج قىلىشىنى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي تەشكىلاتى تەشكىللەيدۇ.

3-باب دىنىي سورۇن

 

12-ماددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتنى ئومۇمەن تىزىمغا ئېلىنغان دىنىي سورۇن(ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ ۋە باشقا مۇقىم دىنىي سورۇن)دا ئۆتكۈزۈشى كېرەك، پائالىيەتنى دىنىي سورۇن ياكى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرىدۇ، ظذ، دىنىي خادىم ياكى شۇ دىننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

13-ماددا دىنىي سورۇن قۇرۇشتا، دىنىي تەشكىلات دىنىي سورۇن قۇرۇلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، قوشۇلىدىغانلىرىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى؛ باشقا مۇقىم دىنىي سورۇن قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلاتلاردىن دىنىي سورۇن قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرى شۇ سورۇننى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلسا بولىدۇ.

14-ماددا قۇرۇلىدىغان دىنىي سورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) قۇرۇش مەقسىتى مۇشۇ نىزامنىڭ 3-، 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىق؛

(2) شۇ جايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولۇش؛

(3) دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دىنىي خادىملار ياكى شۇ دىننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشى بولۇش؛

(4) زۆرۈر مەبلىغى بولۇش؛

(5) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، ئەتراپتىكى ئورۇن ۋە ئاھالىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى قىلمايدىغان بولۇش.

15-ماددا دىنىي سورۇن قۇرۇش تەستىقلىنىپ تەييارلىقى باشلانغان ھەمدە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، شۇ دىنىي سورۇننىڭ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى، قائىدە-تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تىزىملاپ، «دىنىي سورۇننى تىزىملاتقانلىق گۇۋاھنامىسى» بېرىشى كېرەك.

16-ماددا دىنىي سورۇننى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭ تىزىملاتقان مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىدىكى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا بېرىپ، مۇناسىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك.

17-ماددا دىنىي سورۇنلاردا باشقۇرغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. دىنىي سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە شۇ سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

18-ماددا دىنىي سورۇن ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن- نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم، مالىيە، بوغالتىرلىق، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىق مۇھاپىزىتى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارىتى، تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

19-ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇننىڭ قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، سورۇن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تىزىملاتقان تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، دىنىي پائالىيىتى ۋە چەتكە چېتىشلىق پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. دىنىي سورۇن دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

20-ماددا دىنىي سورۇن دىنىي ئادەت بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، لېكىن زورلاشقا ياكى سېلىق سېلىشقا بولمايدۇ.

غەيرىي دىنىي تەشكىلات، غەيرىي دىنى سورۇننىڭ دىنىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىغا، ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، دىنىي ئىئانىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا دىنىي سورۇندا دىنىي لازىمەتلىك، دىنىي سەنئەت بۇيۇمى، دىنىي نەشر بۇيۇمى تىجارىتى قىلىشقا بولىدۇ.

دىنىي سورۇن دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، دىنغا ئائىت ئىچكى نەشر بۇيۇمىنى تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ.

22-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ، دىنىي سورۇنغا سىغمايدىغان چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە ياكى دىنىي سورۇن سىرتىدا چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە، ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

چوڭ دىنىي پائالىيەتلەر تەستىق ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە بىنائەن، دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، بۇ نىزامنىڭ 3-، 4-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوبدان باشقۇرۇپ، چوڭ دىنىي پائالىيەتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

23- ماددا دىنىي سورۇن شۇ سورۇندا زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ياكى دىنىي پەرھىزگە خىلاپلىق قىلىشتەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھادىسە ياكى ۋەقە يۈز بەرگەندە، دىنىي سورۇن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

24-ماددا دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋلار دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىماقچى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قوشۇلىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساش توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋدىن باشقا تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

25-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دىنىي سورۇندا ئۆي-ئىمارەتنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى يېڭىدىن سالىدىغان، سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرىدىغان، كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغان، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىدىغانلىرى ئالدى بىلەن شۇ دىنىي سورۇننىڭ ۋە شۇ سورۇن بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

26-ماددا دىنىي سورۇن ئاساسلىق سەيلە-ساياھەت مەزمۇنى قىلىنغان داڭلىق مەنزىرە رايونىدا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىنىي سورۇن بىلەن باغۋەنچىلىك، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دىنىي سورۇننىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

دىنىي سورۇن ئاساسلىق سەيلە-ساياھەت مەزمۇنى قىلىنغان داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى دىنىي سورۇننىڭ ئۇسلۇبى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىشى كېرەك.

4-باب دىنىي خادىملار

 

27-ماددا دىنىي خادىملار دىنىي تەشكىلات بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئەنگە ئالغاندىن كېيىن دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

تىبەت بۇددا دىنى گېگەنىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى بۇددا دىنى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دىنىي قائىدە ۋە تارىخىي بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپىنى مەملىكەتلىك كاتولىك دىنى تەشكىلاتى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

28-ماددا دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي سورۇندا ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى شۇ دىننىڭ دىنىي تەشكىلاتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

29-ماددا دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، دىنىي كىتابلارنى رەتلەش، دىنىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ.

5-باب دىنىي مال-مۈلۈك

 

30-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن قانۇنلۇق ئىشلىتىۋاتقان يەر، قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما، ئەسلىھەلەر، باشقا قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ۋە تاپاۋەت قانۇندا قوغدىلىدۇ.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، بۆلۈشۈۋېلىشى، نابۇت قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى، مۇسادىرە قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن ئىلكىدە بولغان، ئىشلىتىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى نابۇت قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن ئۆز ئىلكىدە بولغان ئۆي ۋە ئىشلىتىۋاتقان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-جاي، يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك؛ مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆتەش كېرەك.

يەر باشقۇرۇش تارمىقى دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

32-ماددا دىنىي سورۇن دىنىي پائالىيەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭدىكى دىنىي خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى دەسمايە قىلىشقا بولمايدۇ.

33-ماددا شەھەر پىلانلاش ياكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن، دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ ئۆي ۋە قۇرۇلمىلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، چاققۇچىلار شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇن بىلەن كېڭىشىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تەرەپلەر كېڭىشىپ، چېقىش-كۆچۈرۈشكە قوشۇلسا، چاققۇچىلار چېقىلىدىغان ئۆي ۋە قۇرۇلمىنى يېڭىدىن سېلىپ بېرىشى ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، چېقىلغان، كۆچۈرۈلگەن ئۆي ۋە قۇرۇلمىغا بازار باھالانما باھاسى بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

34-ماددا دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە يولغا قويسا بولىدۇ، بۇنىڭ تاپاۋىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق كىرىمىنى مالىيە ۋە بوغالتىرلىق باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەت ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك.

35-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئىئانىسىىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ.

36-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق، باج باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ۋە ئىئانىنى قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

37-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلاردىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدىغانلىرى ياكى بىكار قىلىنىدىغانلىرى مال-مۈلۈكىنى ئېنىقلىشى، ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاشقان مال-مۈلۈكنى شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

 

38-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

39-ماددا پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىغان ۋە ياكى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاشىلا قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چىقىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

40-ماددا دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىك ھوقۇقىغا چېقىلىش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىش، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىگە چېقىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن جازالايدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

چوڭ دىنىي پائالىيەتلەردە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە شۇ جايدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە جازالىنىدۇ؛ ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.

ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقى پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ دىنىي پائالىيەتنى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇسىمۇ بولىدۇ.

41-ماددا دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل-مېلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا؛

(2) دىنىي سورۇن مۇشۇ نىزامنىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغان ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا؛

(3) دىنىي سورۇندا يۈز بەرگەن چوڭ ھادىسە، چوڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا دوكلات قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا؛

(4) مۇشۇ نىزامنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(5) چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكلەرنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(6) تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا.

42-ماددا دىنىي مەزمۇن بار نەشر بۇيۇمىدا بۇ نىزامنىڭ 7-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىمغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

43-ماددا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي سورۇن قۇرغانلار، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن دىنىي سورۇندا دىنىي پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي مەكتەپ قۇرغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا سالغان ئۆي، قۇرۇلمىلىرىنى قۇرۇلۇش مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

غەيرىي دىنىي تەشكىلات، غەيرىي دىنىي سورۇنلاردىن دىنىي پائالىيەت تەشكىللىگەن، ئۆتكۈزگەن، دىنىي ئىئانە قوبۇل قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ھەجگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

44-ماددا تالادا چوڭ ھەيكەل ياساشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئىچىدە چاقتۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

45-ماددا دىنىي خادىملاردىن دىن ئىشلىرىدا قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار دىنىي تەشكىلاتقا ئۇلارنىڭ دىنىي خادىملىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.

دىنىي خادىم بولۇۋېلىپ دىنىي پائالىيەت قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

46-ماددا دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 

47-ماددا ئىچكى جايلارنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونى بىلەن بولغان دىنىي ئالاقىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

48-ماددا بۇ نىزام 2005-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1994-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

يەنە >>سۈرەتلەر