باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

مەسچىتلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇش چارىسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

(2006-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان.

 2006-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىندى)

 

1-باب: ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا مەسچىتنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەسچىتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، مەسچىتنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكامى ھەم ئەنئەنىسىگە ئاساسەن مەزكۇر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا مەسچىت— ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، ۋەز-تەبلىغ سۆزلەپ دىن تەشۋىق قىلىنىدىغان، دىنىي خادىملارنى يىتىشتۈرىدىغان، دىنىي ئىشلارنى بېجىرىدىغان سورۇن. مەسچىت قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

3-ماددا مەسچىتتە ”مەسچىتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى“(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ”مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى“ دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىنىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، دىنىي ئىشلار، مەسچىت ئىشلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا مەسچىتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

5-ماددا مەسچىت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئۆي-جاي، مەسچىت ئىشلىتىۋاتقان يەر ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەر شۇ مەسچىت جامائىتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىگە تەئەللۇق بولۇپ، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ياكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى بۇلارنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىشى لازىم.

2-باب: باشقۇرۇش تەشكىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەسئۇلىيىتى

6-ماددا مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى مەسچىت جامائىتىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتى بولۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئادىل ئىش بېجىرىدىغان، جامائەت ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان، ياخشى دىنىي ئىبادەت قىلالايدىغان، مەلۇم دىنىي بىلىمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولغان شۇ مەسچىت مۇسۇلمانلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ ھەمدە يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى شۇ مەسچىت جامائىتىنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىپ كۆرسىتىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىشى كېرەك. شۇ مەسچىت دىنىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىگەن ئاخۇن، ئىمام، خاتىپ قاتارلىق ئاساسلىق دىنىي خادىملار مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ. مەسچىت شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ بارلىققا كېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىدە بىر مۇدىر، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر تەسىس قىلىنىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى مۇدىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى قاراردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەرلىك ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا يوللىنىپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

7- ماددا مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھېمايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇن، قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشى، خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى، يەرلىك يېزا(بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە باشقارمىسىنىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە مەسچىت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، شۇ مەسچىت جامائىتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

8-ماددا مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى كوللېكتىپ رەھبەرلىكنى يولغا قويۇشى كېرەك، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى:

(1) دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەشكە، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛

(2) مەسچىت تالىپلىرىنى تەربىيىلەشنى ئۇيۇشتۇرۇش؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە مەزھەپلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى يولغا قويۇش، ئۆز ئەتراپىدىكى ئورۇن ۋە ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى يولغا قويۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش؛

(4) مالىيە، بوغالتېرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مالىيە ئىشلىرىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ھېساباتنى دۇرۇس قىلىش، كىرىم-چىقىمنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇش؛

(5)ئادەم، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىق مۇھاپىزىتى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش؛

(6)ئۆز مەسچىتى جامائىتىگە دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە، مائارىپ، نىكاھ ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن، سىياسەتلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىش، ئۆز مەسچىتى جامائىتىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، دىنىي ئىناقلىق ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغداش؛

(7) مەسچىتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش؛

(8) ئۆزىنى ئۆزى قامداش مەقسىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى ئاكتىپ يولغا قويۇش؛

(9) ئۆز مەسچىتى جامائىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، مەسچىتتىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەرنى توسۇش.

3- باب: دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە باشقۇرۇلىشى

9-ماددا مەسچىتتە بولىدىغان دىنىي پائالىيەتلەر ئاساسلىقى: ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش، دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىش، رامىزانلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىش ھەمدە دىنىي ئايەملەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، تەكلىپكە بىنائەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈش، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم قاتارلىق ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت.

10-ماددا مەسچىتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى شۇ مەسچىتنىڭ مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا شۇ مەسچىتنىڭ ئاخۇن، ئىمام، خاتىپى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، باشقا مەسچىتنىڭ ئاخۇن، ئىمام، خاتىپى ۋە جامائىتىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا مەسچىت چوڭ كۆلەملىك دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى، پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان كۈندىن 30كۈن ئىلگىرى، پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

12-ماددا مەسچىتنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى جەمئىيەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە خىزمەت تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ساقلىنىشى، مەزھەپ ماجىراسى ۋە باشقا ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. نورمال دائىرىدىن ھالقىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئاخۇن، ئىمام، خاتىپ نەسىھەت قىلىپ توسىشى ھەم چەكلىشى كېرەك.

13-ماددا مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى مەسچىت ئىچىدە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ياكى دىنىي پەرھىزگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يۇقىرىقىدەك ۋەقە ياكى ھادىسە يۈز بەرگەندە، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

4-باب: ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە كۈتۈۋېلىش خىزمىتى

14-ماددا مەسچىتلەر ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش، خەيرى-ساخاۋەت قىلىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائى ئەخلاقىي پەزىلەتكە پايدىلىق بولغان باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشى لازىم.

15-ماددا مەسچىتلەر شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى ئاكتىپ قوللىشى لازىم.

16-ماددا مەسچىت خادىملىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئۇيۇشتۇرغان مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن، ئېقىم مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىستىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى ۋە قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

17-ماددا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ھەم چەت ئەللىك مۇسۇلمان مېھمانلار مەسچىتكە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت قىلسا ۋە ناماز ئۆتىسە، مەسچىت ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋېلىشى لازىم. تاشقى مۇناسىۋەتتە تاشقى ئىشلار تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش، دېپلوماتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، مۇستەقىل بولۇش، دىنىي ئىشلارنى ئۆزى باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. مەسچىتلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەت ئەللىك ئىسلام دىنى خادىملىرىنى مەسچىتتە ۋەز-تەبلىغ قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىشى كېرەك.

18-ماددا مەسچىتلەر يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن چەت ئەللىك مۇسۇلمانلارغا نىكاھ، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى قاتارلىقلارنى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ. نىكاھ ئوقۇتماقچى بولغان چەت ئەللىك مۇسۇلماندا قانۇن بويىچە تويلۇق ئەھدى مۇناسىۋىتى بولغان بولۇشى كېرەك.

5-باب: مەسچىت مائارىپى ۋە دىنىي ئىلىم تەتقىقاتى

19-ماددا شارائىتى بار مەسچىتلەر مەسچىت مائارىپىنى يولغا قويۇپ، دىنىي ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان، مەلۇم دىنىي بىلىم ۋە سىياسەت، مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ھەم ئەخلاقىي ساپاغا ئىگە ئىختىساسلىق ياش دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرسە بولىدۇ.

20-ماددا مەسچىت مائارىپىنى يولغا قويۇشتا، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش، مەسچىتنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە ئاخۇن، ئىمام، خاتىپلارنىڭ دىنىي ئىلىم سەۋىيىسى، ئىدىيىۋىي تەربىيىلىنىشى ھەم تالىپلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە چىقىش يولى ئەھۋالىغا بېقىپ ئويلىشىش كېرەك. شارائىتى بار مەسچىتلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ھۆكۈمەت دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، دىن ئوقۇتۇش سىنىپى ئاچسا بولىدۇ. مەسچىت مائارىپى، دىن ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ باشقۇرۇلۇش ئۇسۇلى، كۆلىمى، تالىپلار سانى، دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئوقۇش مۇددىتى قاتارلىقلاردا يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش لازىم.

21-ماددا مەسچىت مائارىپى دەرسلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك، يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى تەدرىجي ئۆستۈرۈش لازىم.

22-ماددا مەسچىتتىكى تالىپلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى مەسچىت جامائىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتىگە قاراپ، تالىپلار تەمىناتىنى ئۆزى ئېلىپ كېلىش ياكى مەسچىت مۇۋاپىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك.

23-ماددا مەسچىت دىنىي كىتاپ، ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى تۈزۈپ باستۇرغاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.

6-باب: مەسچىت مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئىشلىرى

24-ماددا مەسچىت ئۆز ئىلكىدىكى ئۆي ۋە ئىشلىتىۋاتقان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي-جاي، يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك؛ مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆتەش كېرەك.

25-ماددا مەسچىت دىنىي پائالىيەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما ۋە ئۆز قارمىقىدىكى دىنىي خادىملار تۇرمۇش ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى دەسمايە قىلىشقا بولمايدۇ.

26-ماددا مەسچىت ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئىشلىرىنى قانۇنلۇق ئاساستا ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشى، دىنىي كىتاپ، ژۇرنال، دىنىي لازىمەتلىك ۋە دىنغا ئائىت ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلىشىنى ياخشى يولغا قويۇشى، بۇنىڭ تاپاۋىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق كىرىملەرنى مەسچىتنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، مەسچىتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەت ۋە ئىجتىمائى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك.

27-ماددا مەسچىت قۇرغان كارخانا، كەسىپلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىشى، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى كېرەك. مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا، قۇرۇلغان كارخانا، كەسىپلەر مۇستەقىل ھېسابات قىلىشى، ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىشى، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

28-ماددا مەسچىت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكام ۋە ئەنئەنىسى ئاساسىدا، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئىئانىسى(سەدىقىسى) قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

29-ماددا مەسچىت ئۆزى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىگەن دىنىي خادىملارنىڭ ۋە مەسچىت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

30-ماددا مەسچىتنىڭ مال-مۈلكى، تاپاۋىتى تىزىمغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىشى كېرەك. مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى قەرەللىك ھالدا جامائەتكە مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئەينەن ئېلان قىلىپ تۇرۇشى، ھەمدە مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ۋە ئىئانە قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

7- باب: قوشۇمچە پرىنسىپ

31-ماددا مەسچىت سىرتىدىكى، قانۇن بويىچە تىزىملىتىلغان باشقا مۇقىم ئىسلام دىنى پائالىيىتى ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇلىشى مەزكۇر چارىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

32-ماددا ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەزكۇر چارىگە ئاساسلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

33-ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە بولىدۇ.

34-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1993-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ماقۇللىغان «مەسچىتنى دىموكىراتىك باشقۇرۇشنىڭ سىناپ يولغا قويۇش چارىسى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر