باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش چارىسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

 

(2006-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان.

 2006-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىندى)

 

1-ماددا ئىسلام دىنى خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، نورمال ئىسلام دىنى پائالىيەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكامى ھەم ئەنئەنىسىگە ئاساسەن مەزكۇر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا مەزكۇر چارىدە ئېيتىلغان ئاساسلىق دىنىي خادىملار— قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مەسچىت ياكى باشقا مۇقىم ئىسلام دىنى پائالىيىتى ئورۇنلىرىدا دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئاخۇن، ئىمام، خاتىپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارغا قارىتا تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش ئوبيېكتىسى «ئىسلام دىنى خادىملىرى سالاھىيىتىنى بېكىتىش چارىسى» بويىچە بېكىتىلگەن دىنىي خادىملار بولۇپ، تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش خىزمىتىگە ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى دېموكراتىك كېڭىشىش ھەم شۇ مەسچىت جامائىتىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئاساسىدا تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەيدىغان نامزاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇ سورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.

5-ماددا ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى بىلەن تەكلىپ قىلىنغۇچى ئىككى تەرەپ تەكلىپ قىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىشى، كېلىشىمنامىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق، مەجبۇرىيىتى ئېنىق بەلگىلىنىشى لازىم. تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىدۇ، تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، ئۇزارتىش تەرتىپى مەزكۇر چارىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

6-ماددا ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىغا تەكلىپ قىلىنىپ تەيىنلەنگەن ئاساسلىق دىنىي خادىم، «دىن ئىشلىرى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شۇ جايدىكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىغا يوللىنىپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

7-ماددا ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى ئاساسلىق دىنىي خادىمنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەشتە، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىن بولۇش، يېقىن يەردىن بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش زۆرۈر بولسا، مەزكۇر چارىنىڭ 4-، 5-، 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئادا قىلىشتىن سىرت، يەنە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

9-ماددا تەكلىپ قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكامى ۋە ئەنئەنىسى بويىچە، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ سەدىقە قاتارلىق ئىئانىلىرىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا تەكلىپ قىلىنغۇچى ئۆز سورۇنىدىكى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۆز ئورنىدىكى ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش، رامىزانلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىش ھەمدە دىنىي ئايەملىك دىنىي پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ تەكلىپكە بىنائەن مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم قاتارلىق پائالىيەتلىرىدىكى دىنىي مۇراسىملارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

11-ماددا تەكلىپ قىلىنغۇچى كېلىشىمدە بەلگىلەنگىنى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىۋاتقان بولسا، شۇ سورۇننىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى ئۇنى خالىغانچە بوشىتىۋېتىشىگە بولمايدۇ.

12-ماددا تەكلىپ قىلىنغۇچىدا تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلاردىن بىرەرسى سادىر بولسا، شۇ سورۇن دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەسىھەت قىلىدۇ، ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ:

(1) ئەقىدە-ئەھكامغا خىلاپ ئىش قىلىپ ياكى ئاھانەت كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمان جامائىتى ئىچىدە يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛

(2) ماجىرا پەيدا قىلىپ ياكى باشقا ۋەقە تۇغدۇرۇپ، دىنىي ئىناقلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن؛

(3) تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىغان؛

(4) پەزىلىتى دۇرۇس بولمىغان؛

(5) دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان.

ۋەزىپىدىن بوشتىش قارار قىلىنىش ۋاقتىدا، مەزكۇر مەسچىت جامائىتىنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئاڭلاش، شۇ جايدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ھەمدە ئەسلىدە ئەنگە ئالدۇرغان خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

13-ماددا ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەزكۇر چارىگە ئاساسلىنىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق دىنىي خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەشنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

14-ماددا مەزكۇر چارىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە بولىدۇ.

15-ماددا مەزكۇر چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر