باش بەت > قانۇن-نىزاملار > قانۇن-نىزاملار

ئىسلام دىنى خادىملىرى سالاھىيىتىنى بېكىتىش چارىسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

(2006-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2006-يىل 8-ئاينىڭ

 7-كۈنى ئېلان قىلىندى)

 

1-ماددا ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكامى ھەم ئەنئەنىسىگە ئاساسەن مەزكۇر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا مەزكۇر چارىدە ئېيتىلغان ئىسلام دىنى خادىملىرى — ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكامى ۋە ئەنئەنىسى بويىچە، دىنىي پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلسا بولىدىغان ئاخۇن، ئىمام، خاتىپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئىسلام دىنى خادىملىرى تۆۋەندىكى ئاساسلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى لازىم:

(1) ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ۋە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان، دۆلەت بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان بولۇش؛

(2) ئىخلاسمەن-تەقۋادار، ئەقىدە-ئەھكامغا ئەمەل قىلىدىغان، پەزىلىتى دۇرۇس، بىر قەدەر يۇقىرى ئىسلامىي ئەخلاق تەربىيىلىنىشىگە ئىگە، ئىسلامىيەت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەجاندىل مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇش؛

(3) ئىسلام دىنى ئىنستىتۇت-مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇنتىزىم مەسچىت تەلىم-تەربىيىسىنى ئالغان ياكى شۇ دەرىجىلىك بىلىم قابىلىيەتكە ئىگە، قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد قائىدىسى بويىچە راۋان تىلاۋەت قىلالايدىغان، قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفنى چوڭقۇر، توغرا چۈشىنەلەيدىغان ھەم شەرھىلەپ بېرەلەيدىغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكاملىرىغا ئائىت كىتابلاردىن پىششىق خەۋەردار، «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر»نىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىگەن، مەسچىتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ كۈندىلىك دىنىي تۇرمۇش، مۇراسىملىرىگە مۇستەقىل رىياسەتچىلىك قىلالايدىغان بولۇش؛

(4) تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىگە ئىگە، مەلۇم ئەرەبچە سەۋىيىسى بار، دۆلەتنىڭ مىللەت ۋە دىنغا ئائىت قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىنى ئىگىلىگەن بولۇش؛

(5) يېشى 22دىن يۇقىرى، تېنى ساغلام، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولۇش.

4-ماددا ئىسلام دىنى خادىملىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

5-ماددا ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيىتىنى شەخس ئۆزى يازما ئىلتىماس قىلىدۇ، نوپۇسى ئورۇنلاشقان جايدىكى مەسچىتنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى تەۋسىيە قىلىدۇ، ھەمدە شۇ يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىگە يوللايدۇ.

6-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەزكۇر چارىنىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى شەخسنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، شەرتكە لايىق بولغىنىنى يىغىپ ئىمتىھان بېرىشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئىمتىھان يازما ئىمتىھان ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان دەپ ئايرىلىدۇ، ئىمتىھان سۇئاللىرى دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى مەزكۇر چارىنىڭ 3-ماددىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

مەزكۇر چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەسچىتتە دىنىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، يېشى 50تىن ئاشقان، مەزكۇر چارىنىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلاردىن ئىمتىھان ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

دۆلەتلىك دىن ئىشلرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېچىلغان ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئالى تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئەگەر ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلسا، ئۇلاردىن يازما ئىمتىھان ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

7-ماددا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان ياكى مەزكۇر چارىنىڭ 6-ماددا 2-، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىمتىھان ئېلىنمىسىمۇ بولىدىغانلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى بېكىتىدۇ ھەم خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

8-ماددا مەزكۇر چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى بېكىتكەن دىنىي خادىملار، ئومۇمەن، قايتىدىن مەزكۇر چارىدە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېكىتىلمەيدۇ، ئەمما «دىن ئىشلىرى نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.

9-ماددا ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىسلام دىنى خادىمىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى بولۇپ، ئۇنى ساختا ياساشقا، ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر گۇۋاھنامە بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى يۈتۈپ كەتسە، ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىپ تولۇقلاپ بېجىرىش لازىم. گۇۋاھنامىنىڭ نۇسخىسىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تۈزۈپ چىقىدۇ.

10-ماددا ئىسلام دىنى خادىمىدىن مەسچىتتە دىنىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى شۇ مەسچىت ئورۇنلاشقان جايدىكى ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەسچىتنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتى ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈم بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ئىسلام دىنى خادىمىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەردىن مەسچىتتە دىنىي ۋەزىپە ئۆتىمىگەنلەرنى ئۇنىڭ نوپۇسى ئورۇنلاشقان جايدىكى ئىسلام جەمئىيىتى ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈم بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

11-ماددا ئىسلام دىنى خادىمىدا تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلاردىن بىرەرسى سادىر بولسا، قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن ئىسلام جەمئىيىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەسىھەت قىلىش، دىنىي خادىملىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش، دىنىي خادىملىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۈچدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىدۇ:

(1) ئەقىدە-ئەھكامغا خىلاپ ئىش قىلىپ ياكى ئاھانەت كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمان جامائىتى ئىچىدە يامان تەسىر پەيدا قلغان؛

(2) ماجىرا پەيدا قىلىپ ياكى باشقا ۋەقە تۇغدۇرۇپ، دىنىي ئىناقلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن؛

(3) پەزىلىتى دۇرۇس بولمىغان؛

(4) دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان.

دىنىي خادىملىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى كۈچدىن قالدۇرۇلۇش جازاسى بېرىلگەنلەرنى ئەسلىدە ئەنگە ئالغان خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

12-ماددا ئىسلام دىنى خادىمىنىڭ دىنىي خادىملىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى كۆرۈلسە، ئۆزى تۆۋەنامە سۇنغاندىن كېيىن ئەسلىدە جازا بېرىش قارارىنى چىقارغان ئىسلام جەمئىيىتى ئۇ جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرىپ ئۇنىڭ دىنىي خادىملىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

13-ماددا ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى قەرەللىك ھالدا ئۆز جايىدىكى ئىسلام دىنى خادىملىرى سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئەھۋالىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە دوكلات قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى، مەزكۇر چارىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنى خادىملىرى سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

15-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى تەسىس قىلىنمىغان رايونلاردىكى ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

16-ماددا مەزكۇر چارىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە بولىدۇ.

17-ماددا مەزكۇر چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر