باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئىسلام دىنى ۋە ئاياللار

ئاياللارنىڭ قۇرئاندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

راخمان نىياز

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

«قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار بولۇپ، ئۇلار ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى، ئائىلە ھاياتىدىكى، مەدەنىيەت-مائارىپتىكى، دۆلەت ئىشلىرىدىكى ئورنى، رولى، ھوقۇقى، مەنپەئىتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىچىدە تارقاق ھالدا ئورۇنلاشقانلىقتىن، ئاياللار بۇلاردىن تولۇق خەۋەرلىنەلمىگەچكە ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ كەلگەن.

«قۇرئان كەرىم» 7-ئەسىردە نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك دۆلەت دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدا ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر بولمىغان. مەسىلەن، نىكاھنى تىزىملاشتا پەقەت ئەر تەرەپنىڭلا سالاھىيىتى تىزىملانغان؛ ئەرلەرنىڭلا نىكاھتىن ئاجراشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئاياللارغا بۇ خىل ھوقۇق بېرىلمىگەن؛ ئاياللارغا ئائىلىدىكى مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى بېرىلمىگەن. ئەڭ دېموكراتىك دەپ ئاتالغان دۆلەتلەردىمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ۋاكالەتچىلىك قىلىپ قىلغان ئىشلىرىنى ئەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى، ئائىلىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئەرلەر باشقۇرۇپ بولالمىغاندىلا، ئايالىنىڭ باشقۇرۇشىغا بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەر قانۇن قىلىپ بەلگىلىنىپ، دۆلەت زورلۇقىنىڭ كاپالىتى بىلەن ئىجرا قىلىنغان.

«قۇرئان كەرىم»دە بولسا، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئورنى نۇرغۇن جەھەتتىن ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇلغان. بۇ ئۆز ۋاقتىدىكى تارىخىي ئىلگىرىلەشنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، ھازىرمۇ زور ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە ئەھزابنىڭ 35-ئايىتى)دە، مۇسۇلمانلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر ئېنىق بەلگىلەنگەن:

”مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى“.

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاياللارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا تەڭلىكى، باراۋەر ئىكەنلىكى بەلگىلىنىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى زور قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«قۇرئان كەرىم»دە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلار ھەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە نىسانىڭ 124-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”ئەر- ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ،ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ(يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)“.

«قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە غافىرنىڭ 20-ئايىتى)دە تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:

”كىمكى(بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا(ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ“.

«قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە نىسانىڭ 32-ئايىتى)دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

”ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ“.

«قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە ئال ئىمراننىڭ 195-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن“.

«قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە تەۋبەنىڭ 71-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ“.

يۇقىرىقىلاردىن «قۇرئان كەرىم»دە ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەر ئورۇنغا قويۇلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»نى مەنبە قىلغان شەرىئەتتە ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھوقۇقلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە تەپسىلىي قائىدىلىرىنى «قۇرئان كەرىم»دىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقلىرى خېلى تەپسىلىي بەلگىلەنگەن. 16-ئەسىردىكى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدا ئاياللارنىڭ كۆچمە مۈلۈكلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى، كۆچمەس مۈلۈكلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بەلگىلەپ، فېئوداللىق تائىپە تۈزۈمىنى ساقلىغان. ئەمما 7-ئەسىردىكى «قۇرئان كەرىم»دە ۋارىسلىق ھەققىدە كۆپ ئىلگىرىلىگەن بەلگىلىمە چىقىرىلغان. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە نىسانىڭ، 7-ئايىتى)دە مۇنداق بەلگىلەنگەن:

”ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم(ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ“.

«قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە نىسانىڭ 11-، 12-ئايەتلىرى)دە، مىراس ھەققىدىكى شەرىئەتنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپلىرى خېلى سىستېمىلىق كۆرسىتىلگەن. يەنى ۋارىسلارنىڭ جىنسى، ئادەم سانى، قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق ئەھۋاللىرى خېلى كونكرېت بولۇپ، ئاياللارنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقلىرى ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشكەن.

«قۇرئان كەرىم»دە ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى ئوچۇق بەلگىلەنگەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلاردا، ئىقتىسادىي ئالاقىلەردە ئەرلەر قاتناشقان مۇھىم ئىشلارغىمۇ ئاياللار قاتناشسا، بۇنىڭ قانۇن ئۈنۈمى ئوخشاش بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، قەرز مۇئامىلىسى، توختامنامە، كېپىللىك، گۇۋاھلىق قاتارلىقلارغا ئاياللار قاتناشسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا 16-ئەسىرلەردىمۇ ئۆز قانۇنلىرىدا ئەرلەر ئائىلىنىڭ ئاساسى، خوتۇنى ئەرگە يۆلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇلار نەرسە ھېسابلىنىدۇ دەپ مۇقىملاپ، ئەرلەر ھاكىمىيىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىغان، مىراستا ۋەسىيەتنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئەرلەرنىڭ ماقۇللۇقى بولمىسا، ئاياللار مال-مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان. ئەمما «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە بەقەرەنىڭ، 282-ئايىتى)دە ئوچۇق ھالدا مۇنداق دېيىلگەن:

”گۇۋاھلىققا...بىر ئەر، ئىككى ئايال تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ“.

(سۈرە نۇرنىڭ 4-ئايىتى)دە ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى مۇھاپىزەت قىلىنىپ، ئاياللارنى ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى جاكارلانغان، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: ”ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇش، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماسلىق“ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

(سۈرە نۇرنىڭ 23 -24-ئايەت)لىرىدىمۇ ئوچۇق قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

”يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ(يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. شۇ كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە)ئۇلارنىڭ تىللىرى ، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ“.

(سۈرە نۇرنىڭ 15-، 17-، 19-ئايەتلىرى)دە ئېنىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئابرۇيىغا زىيان سېلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر زىيان سالسا جازالاش تەدبىرى كۆرۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپلا قالماي، ئاقىۋەتنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. مەسىلەن:

”ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار،بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر...، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار، مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ“.

«قۇرئان كەرىم»دە ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىش، بۇزۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن، (سۈرە نۇرنىڭ 33-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار...“

«قۇرئان كەرىم»دە ئەرلەرنى ئەزىز، ئاياللارنى خار كۆرىدىغان، بوۋاقلارنى تىرىك كۆمىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق قارشى تۇرغان. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە نەھلىنىڭ 58—59-ئايەتلىرى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە(خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ، يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا(تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ)، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى(يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!“

ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىلىرى قىز بوۋاق بولغانلىقتىن، بۇ خىل رېئاللىققا ئاساسەن قىز بوۋاقلارنى قوغداپ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش، بوۋاق قىزلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر نامراتلىقتىن قورقۇپ ياكى نومۇس قىلىپ قىزلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان ئەھۋالغا قارىتا (سۈرە بەنى ئىسرائىلنىڭ، 31-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر“.

يەنە (سۈرە تەكۋىر)دە قىز بوۋاقنى تىرىك كۆمۈش جىنايىتىگە يول قويۇلمايدىغانلىق ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھەدىستە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئوغۇل دەپ خۇشاللانماڭلار، قىز دەپ نادامەت چەكمەڭلار... قىزلارغا غۇم ساقلىماڭلار، مەنمۇ قىزنىڭ ئاتىسى“ دېگەن.

نىكاھ ئىشلىرىغا قارىتا ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇشى تەكىتلىنىپ، مەجبۇرلاپ ئەرگە بېرىش مەنئى قىلىنغان. ئىسلامىيەت شەرىئىتىدە، ئىككى تەرەپ(ئەر-ئايال) ئىختىيار قىلسا، ئائىلە باشلىقى رازى بولسا، مۇئەييەن تەرتىپتىن ئۆتكەندىن كېيىن، نىكاھنىڭ قانۇنلۇق بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. نىكاھ ئىشلىرىدا تىل بىرىكتۈرۈپ نىكاھلانغۇچىلارنى ئالداش، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلىتىش، چات كېرىۋېلىشقا قارشى تۇرۇلغان. ئاتا-ئانىنىڭ تەشەببۇسى، ئەلچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بولغان نىكاھتا، ئايال تەرەپنىڭ قېتىلغانلىقىنى نىكاھ تىكلەنگەنلىكى دەپ بەلگىلەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاياللارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي بولمايدۇ؛ قىزلار نىكاھتا ماقۇل بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا نىكاھ ئىناۋەتكە ئۆتمەيدۇ“ دېگەن.

«قۇرئان كەرىم»دە ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۆزلۈكىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن باشقىدىن ئۆي تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى، نىكاھتىن ئاجرىشىشتىن بۇرۇن، ئايالىنى ئۈچ ئاي كۆزىتىپ، بويىدا يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندا ئاندىن نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولىدىغانلىقى، ئايال ھامىلىدار مەزگىلىدە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولمايدىغانلىقى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، باشقىدىن نىكاھلىنىشقا ئالدىنقى ئېرى ئارىلىشىشقا، كاشىلا قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، (سۈرە بەقەرەنىڭ 232-ئايىتى)دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

”ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە(تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار“.

نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئەر تەرەپ تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇلارنى مۇسۇلمانلار شەرىئەت قائىدىلىرى دەپ قاراپ ئۆزلۈكىدىن رىئايە قىلىدىغان قائىدىلەر دەپ ھېسابلايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، «قۇرئان كەرىم»دە ئانىلارنىڭ ئەمگەكچانلىقى كۈچلۈك مەدھىيە ۋە قوغداشقا مۇيەسسەر بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل بەلگىلىمىلەر ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەيدۇ، چوڭ قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ خىل مېھرىگە سۆز ئېچىلغاندا، ئانىنىڭ تارتقان مۇشەققەتلىرى«قۇرئان كەرىم»دە ناھايىتى گەۋدىلىك بايان قىلىنغان. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە ئەھقافنىڭ 15-ئايىتى)دە مۇنداق دېيىلگەن:

”بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر“.

(سۈرە لوقماننىڭ، 14-ئايىتى)دىمۇ ئانا مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئانىلارنىڭ يۈرەك-باغرى-بالا ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانا مېھرى ئىچىدە، ئانا مېھرىنىڭ سالمىقى ئېغىر ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

«قۇرئان كەرىم»دىكى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر 7-ئەسىردە نازىل بولغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جۈملىدىن دۆلىتىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەمەلدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پرىنسىپلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاياللار ھوقۇقىغا ئائىت مەسىلىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن، دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىغىمۇ ئۇيغۇن.

«ھىدايەت گۈلزارى» 3-توم

يەنە >>سۈرەتلەر