باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئائىلە ۋە مېھىر-مۇھەببەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى(2)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   

ئادىل ھاجى كېرىم

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

10.ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ئىسىملارنى تاللىشى

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ: مەن رەسۇلۇللاھقا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! سىزنىڭ بارلىق ئاياللىرىڭىزنىڭ تەخەللۇسى بار، ھالبۇكى ماڭا بىر تەخەللۇس بەرمىدىڭىز“ دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ”ماڭا ئۇممۇ ئابدۇللا(ئابدۇللانىڭ ئانىسى) دەپ تەخەللۇس بەردى“ دەيدۇ(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

11.ئاياللىرىنىڭ ئاچچىقىنى تەسكىن تاپقۇزۇشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئاچچىقلاپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇبارەك قولىنى ئايالىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ: ”ئى پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن، ئاچچىقىنى كۆتۈرىۋەتكىن ۋە ئۇنى پىتنىدىن خالاس قىلغىن“ دەپ دۇئا قىلاتتى.

12.ئاياللىرىنىڭ ياخشى خۇلقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىرەر مۇسۇلمان ئەر بىرەر مۇسۇلمان ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن، ئۇ ئايالنىڭ بىرەر خۇلقىنى ياقتۇرمىغان بولسا، يەنە بىر خۇلقىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ“، ”ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان بىر تەرىپى باردۇر“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

13.ئاياللىرىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە ئايالى زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ناھايىتى ئوچۇق قول ۋە سېخىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆز ئەمگىكى بىلەن پۇل تاپاتتى، تېرە ئاشلايتتى، يېڭنە ئىشى ۋە قول ھۈنەرۋەن ئىشلىرىنى قىلاتتى. تاپقان پۇل-ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلاتتى. سەدىقە-ئېھسان ئىشلىرىغا ھېرىسمەن بولغىنىغا ئوخشاشلا ئىبادەتكىمۇ زور ئەھمىيەت بېرەتتى، نەفلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇيتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئاللاھ زەينەب بىنتى جەھشكە رەھمەت قىلسۇن، ئۇ بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن بىر شەرەپكە ئېرىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلىدى ۋە قۇرئاندا ئۇنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىندى. مەن زەينەبتىنمۇ خەيرىلىك ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىغان، توغرا سۆزلۈك، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەققىنى ئۆتەيدىغان، ئاللاھ رازىلىقىغا مۇيەسسەر بولىدىغان سەدىقىلەرنى كۆپ قىلىدىغان بىر ئايالنى كۆرمىدىم، دەپ مەدھىيىلىگەن ئىدى.

ھەزرىتى زەينەب بىنتى خۇزەيمەمۇ ناھايىتى مېھرىبان ئىدى، پېقىر-مىسكىنلەرگە، يوقسۇل-بىچارىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۇنىڭ دائىملىق ئەمەللىرىگە ئايلانغانىدى، يېتىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ئانىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئىدى. يوقسۇللار ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن كەتمەيتتى. ئۇ دائىم ئۇلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئېسىل پەزىلىتىدىن كىشىلەر ئۇنى ”ئۇممۇل مەساكىن“ (يوقسۇللارنىڭ ئانىسى) دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئاتايتتى.

14.ئۇلارغا خۇش بېشارەت بېرىشى

بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بىر يەرگە يىغىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئۈستىدە توختىلىشتى، ئۇلار بىر ئىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشەتتى. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدىن كىم ئەڭ ئاۋۋال كېتىدىغانلىقنى بىلمەكچى بولۇشلىرى ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاياللىرىڭدىن سېنىڭ بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغىنىمىز قايسىمىز بولىمىز؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەردىن ماڭا ئەڭ تېز ئۇچرىشىدىغىنى قولى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنىدۇر“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بۇنى ئاڭلاپ دەرھال قوللىرىنى ئۆلچەشكە باشلىدى. سەۋدا رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بويى ئىگىز بولغىنى ئۈچۈن، قولىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇن چىقتى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە سۆيۈنۈش ئىچىدە ياشاشقا باشلىدى. سەۋدا رەزىيەللاھۇ ئەنھا كائىناتنىڭ پەخرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندا ئۆزىنى ئۇ زات بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان ئۆلۈمنى كۈتۈشكە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىنىشقا باشلىدى. ئەمما قازا-قەدەر ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالدى. چۈنكى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاغرىپ قالدى ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ۋاپات بولدى. زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سەۋدا رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بۇرۇن ۋاپات بولۇشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”قولى ئۇزۇن“ دېيىشىنىڭ مەنە جەھەتتىن مەرت-سېخىيلىكتە، يەنى كىشىلەرگە خەير-ساخاۋەتلىك قىلىشتا قولىنىڭ باشقىلاردىن ئۇزۇنلىقى مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولدى، ئەمەلىيەتتىمۇ زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەدىقە-ئېھسان قىلىشتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

15.ئۇلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشى

ئىبنى سۈننى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ چىققانىدى، ئۇ يېنىغا ناشتىلىق ئېلىۋالغانىدى، يولدا ئادەم سۈرىتىدە كەلگەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭدىن بەكلا قورقۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ يۈرگەنلەردىن بىرى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇ مېنىڭدىن سىزگە سالام ئېيتتى ۋە جەننەتتە سىز ئۈچۈن بىر قەسىر تەييارلاپ قويۇلغانلىقىدىن سىزگە خۇش بېشارەت بېرىشىمنى بۇيرىدى“ دېدى.

16.ئۇلارغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشى

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: دۇنيا ئاياللىرنىڭ ئەڭ خەيرىلىكى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد بىلەن مەريەم بىنتى ئىمراندۇر دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچبىر ئايالىغا خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا كۈندەشلىك قىلغاندەك كۈندەشلىك قىلمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇنىڭدىن قالغان يادىكارلىقلاردىنمۇ ئەسلا بىرەر ئەيىب ئىزدىمەيتتى، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇ مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ئىدى، ھەممە ئادەم مېنى يالغانغا چىقارغاندا، ئۇ ماڭا ئىشەنگەن ئىدى ۋە مېنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىم، ياردەمچىم بولغانىدى“ دەيتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە: ”مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن رىزىقلاندىم“ دېگەنىدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھارلاپ تۇراتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ”دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ جۆرۈم بولۇشنى ئۈمىد قىلامسەن“ دېدى. مەن: ”ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! “دېدىم، رەسۇلۇللاھ: ”سەن مېنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئايالىمسەن“ دېدى (ئىمام ئەلبانى رىۋايەت قىلغان).

17.ئۇلارغا خاس بولغان سىرلارنى سىرتقا يايمايدىغانلىقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ سىرلىرىنى باشقىلارغا يايىدىغان ئادەم قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ناچار ئورۇندا قالىدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

18.ئۇلار ئالدىدا ئۆزىنى خۇشبۇي، پاكىز تۇتۇشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىدا مىسۋاك بولماستىن ئۇخلىمايتتى، ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن ئىشىنى باشلايتتى، ئۇ زات مۇنداق دەيتتى: ”مىسۋاك دېگەن ئېغىزنى پاكىز قىلىدۇ، ئاللاھنى رازى قىلىدۇ“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئۆيگە كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغاندا: ”چىشىنى مىسۋاك بىلەن چوتكىلايتتى“ دەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دەيتتى: ”ئى پەرۋەردىگار! مېنى چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

19.ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ياخشى كۆرۈشى

ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ھەممىدىن بەك كىمنى ياخشى كۆرۈسەن؟“ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئائىشەنى“ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: ”ئۇنداقتا ئەرلەردىن كىمنى بەك ياخشى كۆرۈسەن؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئائىشەنىڭ ئاتىسىنى“ دېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ”ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللار ئالدىدىكى پەزىلىتى شورپىنىڭ باشقا تائاملار ئالدىدىكى پەزىلىتىگە ئوخشايدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

20. ئۇلارنى ئۇرمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدىغانلىقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاقارەت قىلغۇچى، قوپال سۆز قىلغۇچى، بازارلاردا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ توۋلىغۇچى ئەمەس ئىدى، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرمايتتى، لېكىن ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم قىلاتتى“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). مۇئاۋىيە قۇشەيرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ”ئاياللىرىمىز ھەققىدە نېمە دەيسەن؟“ دېدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”ئۇلارغا ئۆزەڭلار نېمىنى يېسەڭلار شۇنى يېگۈزۈڭلار، نېمىنى كىيسەڭلار ئۇلارغا شۇنى كىيگۈزۈڭلار، ئۇلارنى ئۇرماڭلار، ئۇلارنى سەتلىمەڭلار“ دېدى(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ھەزرىتى ئائىشە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاياللىرىنى ھېچ ئۇرمايتتى“(نەسەئى رىۋايەت قىلغان).

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، 2014-يىل 1-سان)

يەنە >>سۈرەتلەر