باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئائىلە ئەخلاقى

ئاياللار ھايالىقى بىلەن گۈزەل، سەۋرچانلىقى، قانائەتچانلىقى بىلەن بەختلىكتۇر

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

قۇدرەتلىك ئاللاھ ھەۋۋا ئانىنى ئىنسانلارنىڭ ئانىسى قىلىپ ياراتقاندىن بېرى، ئاياللار قەۋمى ئاللاھ ئاتا قىلغان فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، قورساق كۆتۈرۈپ ھايات بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدا جەڭ قىلىپ، بالا تۇغۇپ، تەربىيەلەپ ئىنسانىيەتنىڭ زور توپ بولۇپ شەكىللىنىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى. ئاياللار نەچچە ئەسىر مابەينىدە جەڭگاھلاردا نەيزە، قىلىچ كۆتۈرۈپ ھەققانىيەت ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلمىسىمۇ، باتۇر، كۈچتۈڭگۈر، شىرمەت جەڭگاھ ئوغلانلىرىنى تەربىيەلەپ كەلگەن. ئەرلەرگە ئوخشاش جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان بۈيۈك ئىشلارنى قىلىپ ئىزلىرى تارىخ بېتىگە يېزىلمىسىمۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ساھىبى بولغان ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئەرلەرنىڭ غەلىبە تەنتەنىلىرىدىن، نۇسرەت ئىقباللىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، تۆھپىسى تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېرى، بالىسى، قولۇم-قوشنىلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەجبۇرىيىتى ۋە ساخاۋەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان تۆھپە دەپ قاراپ، ئۈن-تىنسىز پەردە ئارقىسىدىكى تۆھپىكار بولۇپ كەلگەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە شۇنداق بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاتا قىلغانلىقىغا چەكسىز ئاپىرىن ئوقۇپ كەلگەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ ”كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ“(سۈرە بەقەرە، 233-ئايەت) دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئۆز بۇرچىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئورۇنلاپ كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چىن ئىمانى، ھالال نىيىتى، دۇرۇس ئەمەللىرى بىلەن ئۆزلىرىنى گۈزەل ئايال، بەخت بۆشۈكىگە بۆلەنگەن ئايال دەپ ھېس قىلغانكى، دەۋرلەر ئالمىشىپ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاياللارنىڭ گۈزەللىك، بەخت قاراشلىرىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ مۇپەسسەل چۈشەنچىلىرىدىن ياتلاشقان، خۇنۈكلەشكەن، زەئىپلەشكەن ئېلېمېنتلار كۆپەيمەكتە. گۈزەللىكنى، بەختنى غەيرىيلىكتىن ئىزدەيدىغان، ھالال جورىسىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغانلىرىدىن نارازى بولىدىغان، جورىسىنىڭ، بالىلىرىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش يولىدا ئىزدەنمەي، نىكاھتىن، ئائىلىدىن ۋاز كېچىدىغان خاھىشلارغا ئىگە ئاياللارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ ئاياللىرىمىزدا ھاياسىزلىق، سەۋرسىزلىك، ناشۈكۈرلۈكنىڭ ئەۋج ئېلىپ، ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئۇنتۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولسا كېرەك.

1.ئاياللار ھايالىقى بىلەن گۈزەلدۇر

ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھايالىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن، ئۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرىدۇ؛ ھەرقانداق نەرسىدە ھايا بولىدىكەن، ئۇ نەرسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن. بىر ئايالدا ھايا بولىدىكەن، ئۇ ئايال ئىپپەتلىك ئايالدۇر. ئىپپەتلىك ئايال ئەرنىڭ، بالىنىڭ ئەڭگۈشتىرى. ئائىلىنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى، قەۋمنىڭ پاكلىق مۇنارىدۇر. ھايالىق ئايال ئىمانلىق، چىن مۇسۇلمان ئايالدۇر. ئاياللاردا ھايالا بولىدىكەن ئەخلاقسىزلىق، چاكىنىلىق ئۇلاردىن يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىدا بولىدۇ. ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا، شەھۋانىيلىق ۋە پاسىقلىق ئىمانى سۇس، ئەقىدىسى ئۆلۈك ئاياللارنى تېز ئىسكەنجىگە ئالىدۇ. شەيتان مال-مۈلۈك، ئۈنچە-مەرۋايىت، ھۇزۇر-ھالاۋەت بىلەن ئىمانى كەم ئاياللارنىڭ كۆزىنىلا ئەمەس، قەلبىنىمۇ كور قىلىپ، ۋەسۋەسىگە سېلىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىپپىتىنى، ئاياللىق خۇلقىنى بۇلغاش بەدىلىگە ئۆز جورىسىنىڭ ئىللىق قوينىدىن ئايرىپ، ئاۋامنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرۈپ، ”ئۆزى پەسنىڭ نەرخى پەس“ دېگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ھايا بىلەن ئىمان بىر-بىرىگە تولۇق باغلانغان، بىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يەنە بىرىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان) دەپ، ئادەم ئۈچۈن ھايانىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ھاياسىز ئايال ئەردىن، ئاۋامدىن نومۇس قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدۇ. ھاياسىز ئايالنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن پەرزەنتلەرمۇ ئەلۋەتتە ھاياسىزلىق كوچىسىدا بىمالال ماڭىدىغان نىجاسەتلەردۇر. ھاياسىز ئايال ياراتقۇچىدىن قورقۇشنى بىلمىگەچكە، ياخشى-يامان ئىشنى پەرق ئەتمەي قىلىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھايا ياخشىلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ ئىنسانلارنى ياخشىلىق قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق ھايانى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىشقا چاقىرغان.

مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللارنىڭ پەرقى ئۇلارنىڭ دىلىدا ئىماننىڭ بار-يوقلۇقى، ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا قەيت قىلىنغان سۈرە ، ئايەتلەرنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلغان-قىلمىغانلىقى ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. ئاياللىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قەۋمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەن، ھايانى ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇپا-ئەڭلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، قىممەت باھالىق كىيىملەردىن ئىزدىمەي، ئىمانغا باي ئاياللىق خۇلقى ئارقىلىق جورىسىنىڭ، بالىسىنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ گۈزەل ئايال، ئەڭ گۈزەل ئانا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ”نامۇئەمال تارازىسىدا چىرايلىق خۇلقتىن ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوق“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

2. ئاياللار سەۋر-تاقىتى بىلەن بەختلىكتۇر

ئاياللار بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش خۇشاللىقلارغا، غەم-ئەندىشىلەرگە، قايغۇ-ھەسرەتلەرگە، بالايىقازالارغا دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىنساننى خىلمۇخىل سىناقلار ئارقىلىق ئۇنىڭ قانچىلىك ئىمانى كامىل، ئەقىدىلىك ئىكەنلىكىنى سىنايدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئاياللار باركى، خۇشال بولىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلسە بېشى كۆككە يېتىدۇ. خاپىلىققا دۇچ كەلگەندە خۇدادىن ئاغرىنىدۇ، ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: ”بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا(جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: ’بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز‘ دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“(سۈرە بەقەرە، 155-157-ئايەتلەر).

بىزدە بېشىغا كۈن چۈشكەندە سەۋر قىلىپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلاردىن كۆرە، قاقشاپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان، ئاللاھنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمايدىغانلار كۆپرەك بولسا كېرەك. بولۇپمۇ ھازىرقى ئاياللىرىمىز ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلىرىدىن قاقشاپ، روھىنى خورىتىپ، بەرداشلىق بېرەلمىگەندە ئاجرىشىش يولىنى تاللىماقتا. بەزى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي باشقا بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ ھالال نىكاھىدىكى ئايالىدىن ئەتىۋار بىلىدىغان قىلمىشلىرىغا ئازابلانسا، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ ئائىلىنى تىنچلاندۇرمىغانلىقىدىن ئۆرتەنسە، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، تىرىكچىلىق قىلىش يولىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش سەۋەبلىك كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماي ئۆزىگە، بالىلىرىغا ئىللىق مۇئامىلە قىلماي ۋارقىراپ-جاقىراپ، تېرىككەك بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ تۇرالمىسا، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى، بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىشقا بەل باغلىيالمايدىغان يارامسىزلىقىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئاياللار يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار بىلەن يولدىشى سەۋەبلىك غەم-ئەندىشە، ئازاب-خورلۇقلارغا دۇچار بولۇپ قوقاستا كۆيگەندەك پۇچۇلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نىكاھتىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللاپ ئاجرىشىپ، بالىلارنى يېتىم قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئېرىنىڭ ئاشنا ئوينىشىغا چىدىماي، ئېرىنىڭ قىمار تاۋكاسىدىن يىراق بولماي، ئائىلىنى قاق سەنەم قىلىۋەتكەنلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا. بۇنداق ئازابلارغا دۇچ كەلگەن ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى شۇ ئاياللارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ توغرا چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئاشۇ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ئەلىمىنى دوستلىرى، يېقىنلىرىغا ئېيتىپ قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا، بەزىلەر ئۇلارغا سەۋر ئارقىلىق تەسەللىي بېرىش كويىدا بولماي ئاجرىشىپ كېتىشكە كۈشكۈرتۈپ، ئاجرىشىش خىيالىغا كېلىپ قالغان ئاياللارغا بومبا بولۇپ بەرمەكتە.

ئاللاھ تائالا: ”ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر“(سۈرە ئەسىر، 2-، 3-ئايەت) دەپ، بېشىغا كۈن كەلگۈچىگە سەۋر قىلىشنى ئۈندىگەن ئادەم بىلەن شۇ ئارقىلىق ئۆز ئازابىنى سەۋر ئارقىلىق يەڭگەن ئادەمنىڭ چوقۇم ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىزنىڭ دىنىمىز ھالال جۈپلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشنى ھەرگىز قوللىمايدۇ. ھەرقانچە چوڭ ئىشلارغا يولۇققان بولسىمۇ سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئاياللار ئېرىنىڭ ناشايان، ناتوغرا قىلمىشلىرىغا يولۇققاندا ھازازۇللۇق قىلىپ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈپ، ئېرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ئېرىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا سەۋر قىلىشى، ئاللاھتىن ئېرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلىشى، ئىللىق مۇئامىلىسى، بېشارەتلىك ھەرىكەتلىرى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك ئاياللىق پەزىلەتلىرى بىلەن ئېرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا: ”ئۇلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك(لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ“ (سۈرە ئىنسان، 12-ئايەت) دەيدۇ. ئاياللار بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ مېھرىبان ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشسىلا، ئاللاھ ئاياللارنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت رىشتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ بەختكە چۆمدۈرىدۇ.

3.ئاياللار ئۆزىنىڭ شۈكۈر-قانائەتچانلىقى بىلەن بەختلىكتۇر

ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاشلا كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجغا ئىگە. ئۇلاردا ماددىي ئېھتىياج، مەنىۋى ئېھتىياج بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجى مەلۇم دائىرىدە قانغاندىلا ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، كەم ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ماددىي ئېھتىياجغا قارىغاندا مەنىۋى ئېھتىياج تولىمۇ مۇھىم. ئاياللارنىڭ ماددىي ئېھتىياجى ئەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشسا، مەنىۋى ئېھتىياجنى گۈزەللىككە، يارقىنلىققا، رەڭدارلىققا، ئىلمىيلىككە ئىگە قىلسا، ئاياللار ھەقىقىي بەختكە چۆمۈلىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىر بىر قىسىم ئاياللار ئۆزىگە كېرەك بولۇۋاتقىنى ماددىي ئېھتىياجدەك ھېس قىلىشماقتا. بۇرۇن بىر يۈرۈش ئالتۇن جابدۇقى بولسا، ئەمدىلىكتە ھەربىر كىيىمىگە ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئالتۇن جابدۇق ياسىتىش كويىدا بولماقتا. بۇرۇن قاچان بىنا ئۆيگە ئىگە بولارمىز دېسە، ئەمدىلىكتە ئولتۇرۇۋاتقان بىنا ئۆيى كىچىك كېلىۋاتقاندەك، كۆلىمى زىيادە چوڭ ئۆيلەرگە، داچىلارغا ھەۋەس قىلماقتا.

ماددىي تۇرمۇش ياخشىلانغانسېرى بىر قىسىم ئاياللار تېخىمۇ قانائەتسىزلەنمەكتە. ئەرلىرىنى باشقىلارنىڭ ئەرلىرىدەك بولالمىدىڭ دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇلاردا شۈكۈر دەيدىغان تۇيغۇ بولمىغاندىكىن كۈنسېرى ئاچكۆزلىشىپ، قانائەتسىزلىشىپ بارماقتا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىنسانغا نېمە ئاتا قىلساق(پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە(ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ“(سۈرە فۇسسىلەت، 51-ئايەت). بىر قىسىم ئاياللىرىمىزنىڭ قىلمىشلىرى بۇ ئايەت ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. ئاياللارنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئەرلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن يامان. ئاياللارنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئەرلەر ئۈچۈن مال-دۇنيانىڭ بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ، بېسىمنى ئاشۇرىدۇ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ. شۇنداق بىر قىسىم ئاياللار باركى، ئاللاھ ئۆز ئائىلىسىگە ئاتا قىلغان ھىممەتكە شۈكۈر قىلىپ، شۇ مال-دۇنيانى خەيرلىك ئىشلارغا ئىشلىتىش تەرەپتارى بولماي، ئۆزلىرىنىڭ مال-دۇنياغا ئىگە بولغانلىقىدىن كۆرەڭلەيدۇ؛ ئەتراپىدىكى ئۆزىدىن تۆۋەنرەك سەۋىيەدىكى كىشىلەرگە مال-دۇنياسىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ؛ ئۇلارنى ياراتماي، كۆزىگە ئىلماي ئۆزلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقا سالاھىيىتى يوق كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئاجىزەلەرنى كۆرسە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۈگۈل، قەلەندەر، دىۋانە، تېگى پەس دەپ تىللايدۇ. بۇنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر، بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى(يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن. مەسخىرە قىلىنغان قەۋم(ئاللاھنىڭ نەزەرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار(ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش(يەنى مۇئىمىننى پاسىق دەپ) ئاتاش نېمىدېگەن يامان!(مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر“(سۈرە ھۇجۇرات، 11-ئايەت)؛ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ سىلەرنى(ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتكە شۈكۈر قىلسۇن دەپ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ(ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردىن) ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر“(سۈرە ئەنئام، 165-ئايەت).

ئاياللار ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلماي ئاچكۆزلۈك، تەمەخورلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مال-دۇنيانىڭ بولۇشىغا رازىلىقىنى ئىپادىلىسە، مال-دۇنياسى ئۆزلىرىگە يەتمەيدىغانلارنى مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى پۇچەكلىكىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشسىمۇ ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ. ”كىشىگە تەشەككۈر ئېيتالمايدىغان ئادەم ئاللاھقىمۇ تەشەككۈر ئېيتالمايدۇ“(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئاياللاردا بەلگىلىك شۈكۈرچانلىق بولمايدىكەن، بۇنداق ئايال مەڭگۈ بەخت بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ بېشىدىكى بەخت قۇشى ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۈكۈر قىلىش ئېتىقادلىق، ھايالىق ئايالنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى.

ھەربىر ئائىلىدىكى ئايال پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل بولسىمۇ، بۇ گۈللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ئوخشاش ئەمەس. ئەرلەر جەزبىدارلىققا، پۇراقلىققا ئىگە گۈلگە ئامراق كېلىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان، ئاسرايدىغان، مەڭگۈ قەدىرلەيدىغان گۈل بولۇش ئۈچۈن، ھايالىقى، ئىمانلىقى بىلەن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ھالال جورىسىنى ئۆزىگە رام قىلىشى، سەۋرچانلىقى، چىدامچانلىقى، تەدبىرلىكلىكى بىلەن ئەرلەرنى تەسىرلەندۈرۈشى، ماددىي تۇرمۇشى ئادەتتىكىدەك ئۆتسىمۇ، ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتتىن، جورىسى بەرپا قىلغان شارائىتتىن ئالەمچە شۈكۈرچانلىق بىلەن شادلىنىپ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى رازىمەنلىكى بىلەن ئىزھار قىلسا، بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىگە مەڭگۈ نائىل بولالايدۇ. بۇنداق ئايال بىلەن ياشاۋاتقان ئەر ئۆزىنىڭ ئايالى، بالىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ۋاپادار، ھالال نىيەتلىك، ئىشچان، ئىجادكار ئەرگە ئايلىنىدۇ. ئائىلىنى بەخت بۇلىقىغا ئايلاندۇرۇش ئاكتىپچانلىقى كۈچىيىدۇ. بىزدە: ”ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن“ دېگەن گەپ بار. ئەرگە قانداق ئايال بولۇشنى بىلگەن ئايال ئەڭ جەزبىدار، ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالدۇر. ئاللاھ ئاياللىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئىماننى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ئىنساب، دىيانەت ئاتا قىلىپ، ئاياللىق سۈلكىتىنى ئىسلام ئەھكاملىرى ئارقىلىق ئادا قىلىپ، ئەرنىڭ ھىمايىچىسى، بالىلارنىڭ تەلەپچان ئۇستازى بولۇش شەرىپىنى ئاتا قىلغاي، ئامىن!

(ھىدايەت گۈلزارى، 3-توم)

يەنە >>سۈرەتلەر