باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئائىلە ئەخلاقى

ئىسلام دىنى ۋە ئىناق ئائىلە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئەر-خوتۇن ئارىسىدا باغلانغان نىكاھ بولسا ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە ئۆمۈرلۈك، دائىمىي ھەمراھ بولۇپ، بىر-بىرىگە ياردەمچى، بىر-بىرىنى قوغدىغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئېلىنغان ئەھدى توختامدىن ئىبارەت. نىكاھنىڭ تەلىپى شۇكى، ئەر-خوتۇنلار ئۆز زىممىسىگە ئىناق ئائىلە قۇرۇش زۆرۈر بولغىنى ئۈچۈن بىر-بىرىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ دەپ قەتئىي ئىشىنىشى، بىر-بىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشى، بىر-بىرىگە سەمىمىي ساداقەتلىك بولۇشى، بىر-بىرىگە غايىبانە ۋە ھازىرانە خەيرخاھلىق قىلىشى ناھايىتى زۆرۈردۇر.

ئەمما، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرىدا كىشىلەرنىڭ تولىسى ئائىلىسىنى قانداق باشقۇرۇش، قانداق گۈللەندۈرۈش، قانداق ئىناق ئائىلە قۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيەلەش توغرىسىدىكى ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇيرۇق-پەرمانلىرىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئاسانلا نىزا-ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان، بىر-بىرىگە كۆيمەيدىغان، بىر-بىرىنى چۈشەنمەيدىغان ناچار ئەھۋاللار كۆپەيمەكتە. ئاقىۋەتتە ئائىلە بۇزۇلۇپ، ئەۋلادلار يېتىم بولماقتا. بۇ بالىلار كوچا-كويلادا سەرگەردان بولۇپ، ئاخىرىدا ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئېغىر خارلانماقتا.

مەلۇمكى، بالىلارنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشى ئائىلىنىڭ ئىناق، ساغلام، كۆڭۈللۈك بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئائىلە ئىناق بولسا بۇ ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن جەمئىيەتمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ بىر كىچىك ھۈجەيرىسى. قايسى بىر مىللەتنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئىناق بولسا، شۇ مىللەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت تاپىدۇ. ئائىلە ئىناقسىزلىقى، بالىلارنىڭ تەلىم-تەربىيەسىز قېلىشى شۇ مىللەتنى ئىككىلا ئالەمدە خار-زەبۇن قىلىدۇ.

پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ. نېمىگە بۇيرۇلسا، شۇنى ئىجرا قىلىدۇ“ (سۈرە تەھرىم، 6-ئايەت).

سەلەف سالىھىنلەردىن نەقىل قىلىنغان ئەسەرلەرگە ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ تەپسىرىگە قارىساق ”ئۆزۈڭلارنى ۋە بالىچاقاڭلارنى(دوزاخ ئوتىدىن) ساقلاڭلار” دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ”شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىپ، گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش بىلەن بىرگە ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى ئەۋلادىڭلارنى يامانلىقتىن، گۇناھتىن ۋە ئازابتىن ساقلاڭلار” دېگەنلىكتۇر.

بۇ مۇبارەك ئايەتكە ئىمان كەلتۈرۈش، ئەمەل قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. بۇ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنۇپ ئۆزىمىزنى ۋە ئەھلى ئەۋلادىمىزنى جەھەننەمنىڭ ئوت ئازابىدىن خالاس قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىساق ۋە توسىغان گۇناھ، پىسقى-فۇجۇرلاردىن يانمىساق، جەھەننەم ئوتىغا لايىق بولۇپ قالىمىز(ئاللاھ ساقلىسۇن!).

بارچە خەلقلەر ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىزدىگەندەك، ئەھلى ئەۋلادىنىڭمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەھلى ئەۋلادلارنىڭ ئىككىلا ئالەمدە بەخت-سائادەتلىك بولۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىسلام كۆرسەتكەن رەۋىشتە تەربىيەلىشىگە باغلىق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”تۇغۇلغانلىكى بوۋاق ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يەھۇدىي ياكى ناسارا ياكى مەجۇسىي بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق”(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دېمەك، ھەرقانداق بوۋاق گويا بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا نېمە يازساڭ يازالايسەن، شۇڭا ھەربىر مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى ئىسلام شەرىئىتىگە ۋە زامانغا لايىق تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. ئەگەر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئىسلام نۇرى ئاستىدا ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولسا ئۇنىڭ مۇكاپاتى مۇشۇ دۇنيادا ۋە قىيامەت كۈنى چوقۇم كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىلىرىنى ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە خالىغانچە قويۇۋېتىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيەلىمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ. يامان پەرزەنتلىرىنىڭ ئاپىتى ئاتا-ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئامانەتنى زايە قىلغان كىشى قانداق جاۋابكارلىققا تارتىلسا، پەرزەنتلىرىنى زايە قىلىۋەتكەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئېغىر جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىكى ئامانەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر ھەممىڭلار پادىچىسىلەر، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى پادىلىرىدىن سورىلىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەمدى ئائىلە ئىناقلىقى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە تەشكىلىگە ئاساس بولغان نىكاھنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى:

ئائىلە تەشكىلىگە ئاساس بولغان ئىشلار ئەرگە تېگىش ۋە خوتۇن ئېلىشتۇر. يەنى ئەر-خوتۇن بولۇشماقتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ھايۋانات ۋۇجۇدىغا تاناسىل(نەسىل قالدۇرماق)، تەكاسۇر(كۆپەيمەك)كە سەۋەب بولىدىغان شەھۋەت قۇۋۋىتىنى خەلق ئەتتى. بۇ شەھۋەت قۇۋۋىتى بىلەن ھايۋاننىڭ ئەركىكىنى چىشىسىغا ۋە چىشىسىنى ئەركىكىگە مۇلايىم ۋە يېقىملىق كۆرسەتمەك بىلەن بىر-بىرىگە جۈپتى بولغانلىقتىن ئالەمدە تاناسىل ۋۇجۇدقا كەلگەندۇر. شۇ تۈپەيلىدىن تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ جىنسى كۆپەيمەكتە ۋە باقى قالماقتا. ئىنسان مۇشۇ تەبىئەتلىك بولغىنى ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بۇ قۇۋۋىتى شەھۋەتلەر مەۋج ئۇرۇپ تاكى بۇ قۇۋۋەت سەۋەبى بىلەن ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ۋەسلى بولۇپ، يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن ئالەمدە ئادەم ئەۋلادىنىڭ كۆپىيىشى ۋە داۋام قىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىنسان تەبىئىتىدە بولغان بۇ قۇۋۋىتى شەھۋەتلەر تەقەززاسى بويىچە ئېيتقاندا ئەر كىشىگە خوتۇن كىشىنى، خوتۇن كىشىگە ئەر كىشىنى جۈپ ئەيلىمەكتىن باشقا چارە يوق.

ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بۇ قۇۋۋىتى شەھۋەت ھەمىشە ئىنساننى ئىتتىسالغا (مۇناسىۋەتكە) قىزىقتۇرغاچقا، ئاللاھ ئىنساننىڭ ئىتتىسال يولىغا نىكاھتىن ئىبارەت بىر يولنى تەيىن قىلدى. چۈنكى، بۇ قۇۋۋىتى شەھۋەتنى نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ئىزغا چۈشۈرمەي ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندە ئىنسانلار جەمئىيىتىدە زىيىنىنى ساناپ تۈگەتكۈسىز خاپىلىق، بالايىئاپەت ۋە ھەر تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەل، جۈملىدىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدە شەك يوق.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن، ھايۋانىي نەپسانىيەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە مۇپتىلا بولغان بەزى مەملىكەتلەردە كۆرۈلمەكتە. شۇڭا بۇ ئىككى جىنس — ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى نىكاھلىق مۇناسىۋەت بولسا بۇ ئىككى جىنسنىڭ ساغلام ھايات كەچۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئۆيلەنمەك ئەر-خوتۇننى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىشىلەر ئۆز خاھىشىچە جىنسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشتىن يانىدۇ. ئىنساننىڭ بەدىنىدە مەزكۇر قۇۋۋەتنى مەخپىي قىلىشتىن مەقسەت ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. ھەربىر ئەر-خوتۇن ئۆزئارا مايىل بولۇشۇپ، بىر ئائىلە شەكىللەندۈرۈپ، تۇرمۇشىنى ئاسانلىق ۋە كەڭچىلىكتە ئۆتكۈزىدۇ، پەرزەنت تەربىيەلەشتە بىر-بىرىگە ياردەمدە بولۇشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم نەسلى داۋاملىشىدۇ.

باياندىن ئايان بولدىكى، ئەر-خوتۇنلۇقتىن مەقسەت يالغۇز شەھۋەتنى قاندۇرۇپ كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىنى ھالاللىق، پاكىزلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنت كۆرۈپ، نەسىللەرنى داۋام قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئائىلە ئىناق، تەرتىپلىك، ئىنتىزاملىق بولۇپ، ئەر-خوتۇن بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“ (سۈرە رۇم، 21-ئايەت).

ئاللاھ تائالا ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ھېچبىر كونا تونۇشلۇق ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مۇھەببەت رەھمىتىنى ئورناتتى. شۇ تۈپەيلى ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سەمىمىي سادىق، مېھرىبان بولدى. دەرھەقىقەت، تەپەككۇر بىلەن قارىغاندا ئىنسانلاردا بولغان بۇ ئەر-خوتۇنلۇق ئىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئەسرارلاردا ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا چوڭ دەلىل-ئىسپات باردۇر. چۈنكى ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ئاتا-ئانا بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا ياكى قالغان قېرىنداشلار ئارىسىدا كۆرۈلمەيدۇ. مەلۇم بولدىكى، ئەر بىلەن خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە تولىمۇ ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئائىلە ئەزاسى، جۈملىدىن ئەر-خوتۇنلار ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر، ئەھكاملارنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ ئىناق ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، شۇ ئارقىلىق جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.

ئەكسىچە، ئائىلە مۇناسىۋىتى، جۈملىدىن ئەر-خوتۇنلار ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلماي، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىمەي، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، مۇقىم، ئىناق بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزسە، ئېنىقكى دۇنيادا كىشىلەرنىڭ لەنىتىدىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئەر-خوتۇنلار ئەر-خوتۇنلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، تۇرمۇش ئىشلىرىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ، بېشىغا تۈرلۈك خاپىلىقلار كېلىدۇ، ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ، ياكى ئەر ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىپ ۋاقتىدا قايتىپ كېلەلمەي قالىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللاردا ئاياللار ۋاپادارلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكەن ھەر تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ياردەمچىسى بولغان ئېرىگە ياردەمدە بولۇشى، نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ئەھدە-توختامغا ئەمەل قىلىشى لازىمدۇركى، ئەسلا ۋاپاسىزلىق، يۈزسىزلىك قىلمىغاي.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىنسان رىۋايەت قىلغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر. قارىساڭ خۇرسەن قىلىدۇ، بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، قېشىدا بولمىغان ۋاقتىڭدا ئۆزىنىڭ ۋە سېنىڭ ھەققىڭنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ياخشى ئايالنىڭ سۈپىتى.

ئەر-خوتۇنلار يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ھەربىرى ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەتلەرنى تولۇق تونۇپ، بىر-بىرىنى قەدىرلەپ، ئىززەتلەپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، ئىناق ئائىلىنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بىر-بىرىگە سەمىمىي ۋاپادار بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى قوغداپ، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ، بەختلىك ياشاشقا تىرىشىشى كېرەك.

«ھىدايەت گۈلزارى» 3-توم

يەنە >>سۈرەتلەر