باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-01   

سادىق قارى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى بىلىم ئېلىش، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىش، ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ياراملىق بىر ئىز باسار قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاشماي، ”دېھقاننىڭ بالىسى ھامان دېھقان بولىدۇ، دېھقاننىڭ بالىسىنى قانچىلىك ئوقۇتقان بىلەنمۇ بەرىبىر كەتمەن چاپىدۇ“ دەپ ئۇلارنى بىلىم ئىگىلەش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاش لاياقىتىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىگە سەل قاراپ كەلمەكتە.

پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش ئىسلام دىنىمىز ئاتا-ئانىلارغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتتۇر. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار“{سۈرە«تەھرىم»(66-سۈرە)، 6-ئايەت}.

دېمەك، ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەيمەن دەيدىكەن، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇنلاپ، ئۆزىگە ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشى لازىم. ئاللاھ تائالا پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە بىرىنچى تەلەپنى ئاتا-ئانىلارغا قويدى. چۈنكى ھەرقانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئۆزىدىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈگەتمەي تۇرۇپ پەرزەنتلىرىگە ”ئۇنداق ياخشى ئادەم بول، بۇنداق ئېسىل ئادەم بول“ دەپ قانچىلىك ۋەز-نەسىھەت قىلغىنى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەرزەنتلەر ھەر خىل ناچار ئادەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى جەمئىيەتتىكى يامان ئادەم ۋە ناچار ئىشلاردىن يۇقتۇرۇۋالسىمۇ، كۆپ قىسمىنى ئاتا-ئانىلاردىن يۇقتۇرۇۋالغان بولىدۇ. پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ساقلىنىمىز دەيدىكەنمىز، پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى پادىلىرىغا مەسئۇل“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا (پادا)باققۇچىدىن پادىسىنى ساقلىغان ياكى زايا قىلغانلىقىنى سورىغۇچىدۇر“(ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان). دېمەك، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاپ، ئۇلارنى ماددىي، مەنىۋى رىغبەتتىن بەھرىمەن قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىنى باشتىن-ئاخىر ياخشى ئادا قىلىشى لازىم.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ناچار ئادەتلەردىن يىراق بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇشى لازىم. بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بەك ئامراقلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت يۈكسىلىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇلارنى ئەخلاق ۋە ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالدۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىلار ئۆتەڭ بازارلاردا، كوچا دوقمۇشلىرىدا قەرت، بىليارت ئويناپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋىزورلارغا بېرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق زاماندا ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارغىمۇ ئۆزىدىكى ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىغا سەۋەب بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىلىمسىز، تەربىيەسىز قالغان. ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئۆزى ئاۋۋال باشلامچى بولۇشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا زېمىنغا دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار بىلەن زىننەت بەرگەندەك، ئىنسانلار ئۈچۈن مال-دۇنيا ۋە پەرزەنت بېرىش ئارقىلىق زىننەت بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 46-ئايەت}.

دېمەك، مال-دۇنيا تۇرمۇش ئۈچۈن بولسا، پەرزەنت ئىزباسار قالدۇرۇش ئۈچۈن زىننەت قىلىپ بېرىلگەن.

پەرزەنت دېگەن ئىنسانلار ئۈچۈن ئىزباسار ئەۋلاد، ئۇ ئىنساننىڭ نەسەب-ئىرقىنى ساقلاپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ”بالىلار“ سۆزى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا قىز-ئوغۇل ھەر ئىككىسىنى زىننەت قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ھالبۇكى بەزى ئاتا-ئانىلار ئوغۇللارنىلا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىزلارغا بولسا ئۇلار ھامان ئەرنىڭ قۇلى دەپ قاراپ، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارىماقتا. سەمىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيادا ئىجادىيەت ياراتقان، دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئاياللارمۇ بار. شۇلارمۇ كىچىكىدە سىلە-بىزلەرنىڭ قىزلىرىمىزغا ئوخشاش قىز بالا ئىدى. ئۇلار ئۇشتۇمتۇت شۇنداق نەتىجىلەرنى يارىتىپ شۇ ئەمەللەرگە ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدىن بولغان. ئاللاھ تائالا ئوغۇللارنىلا زىننەت قىلىپ بەردۇق دېمەستىن قىزلارنىمۇ زىننەت قىلىپ بەردۇق دەپ، ئېنىق ھالدا: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر“ دېگەن. شۇڭا ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ئۇلارنى تەڭ كۆرۈش، ئۇلارغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىلىم ئۆگىتىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئادەمنىڭ پەرزەنتىگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتكىنى بىر سائىلغا سەدىقە بەرگىنىدىن ياخشى“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەخلاق-پەزىلەت دېگەن ئىنسانلارغا تۇغما ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك تەربىيەلىنىش جەريانىدا بارلىققا كېلىدۇ. ئەخلاقى پەزىلەت تاشقى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئىچكى جەھەتتىن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق تەربىيەلەشتە ياخشى ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىمىز ئارقىلىق پەرزنتلەرگە قارىتىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئادەم ئۆلسە ئۇ كىشىگە ساۋاب يېتىدىغان ئەمەللەر توختايدۇ. لېكىن ئۈچ نەرسىدىن ئۇ كىشىگە ساۋاب يېتىپ تۇرىدۇ: بىرىنچىسى، سەدىقە جارىيە(خەلقنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەسچىت، يول-كۆۋرۈك، قۇدۇقتىن ئىبارەت)؛ ئىككىنچىسى، ئىلىم ئۆگەنگەن بولسا(شۇ ئۆگەنگەن ئىلمى ئارقىلىق خەلقنى توغرا يولغا باشلىسا)؛ ئۈچىنچىسى، ياخشى پەرزەنتى بولسا(ئاتا-ئانىسىغا داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرسا)، مۇشۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئادەمگە مەڭگۈ يېتىپ تۇرىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئىش قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بوۋاق تۇغۇلغان چېغىدا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ئاتا-ئانىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتتىن ئىبارەت تىرىكچىلىك زىننىتىنىڭ ئۆز جايىنى تېپىشى ھەم قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىشى ئاتا-ئانىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. پەرزەنتتىن ئىبارەت زىننەتنى ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي زىننىتى، گۈزەللىكى قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە مال-دۇنيا ۋە پەرزەنت بېرىشنىڭ ئۇلارنى سىناش ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار(سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار“{سۈرە«تەغابۇن»(64-سۈرە)، 15-ئايەت}.

دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتتىن ئىبارەت ئىككى ئامانەتنى تاپشۇردى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇ ئىككى ئامانەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز. ھازىر جەمئىيەتتە مال-دۇنيا، پەرزەنت توغرىسىدا نۇرغۇن رەزىل ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. توغرا يول بىلەن مال-دۇنيا قازانماسلىق، بالىلىرىنى پۇل تېپىپ جېنىنى باقسىلا بولدى دەپ ئويلاش، پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىنلا ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى بىلەن كارى بولماسلىق، ئۆزى ۋە پەرزەنتىنىڭ ئورتاق تەقدىر-ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلانماسلىق، قايغۇرماسلىق، ھەرىكەت قىلماسلىق...قاتارلىقلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەشەببۇسىغا يات بولغان، گۇناھكارلىققا سەۋەب بولغۇچى ئىللەتلەردۇر. ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مال-دۇنيا ۋە بالىچاقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئامانەتنى ئاسراپ، ئۇلارنى زايا قىلماي، پەرزەنتلىرىنى ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ھالاللىقنى سۆيىدىغان، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە پەرزنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش روھى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2003-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر