باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، شۇنداقلا ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق-پەزىلەت. ئىنساننىڭ دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ئورناتقان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتۇر. كىشىلەر ئىچىدە سىزگە ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغىنى، ئىشىڭىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، بەخت-سائادەتلىك بولىشىڭىزغا ئەڭ ھېرىس بولىدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدۇر، ئۇلار سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنىڭ سەۋەبى، ھېچنەرسىگە كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئاجىز ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاسرىدى، تەربىيەلىدىلىدى، خۇشاللىقىڭىز، راھىتىڭىزنى دەپ كۆپ مۇشەققەتلەرنى تارتتى. شۇڭا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا يەتكۈزەلمىگەن ئادەمنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرى، ئەل-ئاغىنىلىرى، ئۇستازلىرى، خىزمەتداشلىرى، شۇنداقلا كوللېكتىپ ۋە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئاتا-ئانا دەرەخنىڭ ئۇلىغا، پەرزەنت دەرەخنىڭ شېخىغا ئوخشايدۇ، شاخ ئۇلىنىڭ قەدرىنى بىلمىسە، شاخنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. بۈيۈك ئىسلام دىنىمىز ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشنى ۋە ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىشنى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپە دەپ قاراپ، ئاتا-ئانىلىرىغا ۋاپادارلىق قىلغۇچىلارغا دۇنيادا بەختلىك ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەن بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگەن.

ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىق قىلىشىغا ۋە ياخشى مۇئامىلىسىگە كىمنىڭ ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى سوراپ كەلگىنىدە، ئاتا-ئانىنىڭ بولۇپمۇ ئانىنىڭ ھەققىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇبارەك ھەدىسى بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ’ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ لايىق ئادىمىم كىم؟‘ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ’ئاناڭ‘ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: ’ئاندىن قالسىچۇ؟‘ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ’ئاناڭ‘ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: ’ئاندىن قالسىچۇ؟‘ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ’ئاناڭ‘ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: ’ئاندىن قالسىچۇ؟‘ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ’ئاندىن قالسا ئاتاڭ‘ دېدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

شۈبھىسىزكى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ئۈچ قېتىم، دادىغا ياخشىلىق قىلىشقا بىر قېتىم تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى ئانا ئۆزى يالغۇزلا ھامىلدارلىق، تۇغۇش، ئېمىتىش، سۈتتىن ئايرىش قاتارلىق كۆپ جاپالارنى تارتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بالىنى تەربىيەلىدىلەشتە ۋە ئۇنى ئاسراشتا دادا بىلەن تەڭ ھەتتا دادىدىنمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۈيۈك كىتابى قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ(بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە ئۇ: ’پەرۋەدىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن(يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەردىن قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا(جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن‘ دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار(ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر“{سۈرە«ئەھقاف»(46-سۈرە)، 1516-ئايەتلەر}.

 ئايەت ۋە ھەدىستە دادىمۇ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى. چۈنكى دادا بالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئۇنى بەخت-سائادەتلىك قىلىشتا كۈچىنى ئايىمايدۇ. ئۇ بالىغا ئوزۇقلۇق راستلاش، بالىنى كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. شۇڭا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشى، كىچىكلىكى ۋە ئاجىزلىقىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەجىر-مېھنىتىنى ئەسلەپ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ، ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان رەۋىشتە ئۇلارغا كۆيۈمچان بولۇشى، ئاتا-ئانىنىڭ ئىشلىرىغا، خۇسۇسەن ئۇلار چوڭ بولۇپ، ياشىنىپ ئاجىزلىغان مەزگىلدە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى باش تارتىشقا بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر.

ھەقىقىي مۇئمىن كىشى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىگە، ئۇلارغا بويسۇنۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىنىڭ يۈزى ياكى ئۇلار بالا ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىشلارنىڭ ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولماستىن بەلكى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە بالىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، ئاللاھ بالىغا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى ھەتتا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى بىلەن بىللە كەلتۈرگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن(يەنى ماللاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۆشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: ’ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىدىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن‘ دېگىن“{سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 2324-ئايەتلەر}.

كىشى ئاللاھقا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ تەۋسىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى تونىسا ئەلۋەتتە ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ:

1.گۇناھ-مەئسىيەتلىك ئىش بولمىسىلا، ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا بويسۇنىدۇ، توسقانلىرىدىن يانىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن(يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 15-ئايەت}.

2.ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، چوڭ بىلىدۇ، ئۇلارغا كەمتەر بولىدۇ. گەپ-سۆزدە ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭمايدۇ، خوتۇن ياكى بالىسىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن بىلمەيدۇ، ئۇلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرمايدۇ، بەلكى ئانا، ئاتا(ياكى ئاپا، دادا) دەپ چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىسىز سەپەرگە چىقمايدۇ. ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ جىھادقا چىقىشقا رۇخسەت سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟“ دېگەن. ئۇ: ”ھەئە“ دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”شۇ ئىككىسى توغرىلىق جىھاد قىلغىن“ دېگەن(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3.قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ. تاماق بېرىش، كىيىم كىيگۈزۈش، كېسىلىنى داۋالىتىش، زىياندىن ساقلاش، ئۆزىنى پىدا قىلىشلارغا ئوخشاش ياخشىلىق ۋە خەير-ئېھساندىن چامىسىنىڭ يېتىشىچە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) سەندىن(ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: ’مال-مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبىن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ‘ “{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 215-ئايەت}.

4.ھەممىدىن بۇرۇن ئۇلارغا سىلە-رەھىم قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەيدۇ، ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدۇ، دوستلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەبۇ سەيد سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم كېلىپ: ”يا رەسۇلۇللاھ، ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا مەن قىلغۇدەك ياخشىلىق قالدىمۇ؟“ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھەئە، ئۇلار ھەققىدە ناماز ئوقۇش، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەش، ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرىنى ئورۇنداش، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە سىلە-رەھىم قىلىشقا تېگىشلىكلەرگە سىلە-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئىش بار. مانا بۇ ئۇلاردىن كېيىن ساڭا قالغان، سەن قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشلار“(ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

5.ھەممە ئىشلىرىدا ئۇلارغا مەسلىھەت سالىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتمەيدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىز بولۇشتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلغىنىدەك مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ”سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ظذ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن ئىبارەتتۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەمىر ئىبنى مۇررەتىل جۇھەنى ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ’بەش ۋاق نامازنى ئوقۇسام، پەرز روزىنى تۇتسام، زاكاتنى ئادا قىلسام، ھەج قىلسام ماڭا قانداق ئەجىر بېرىلىدۇ؟‘ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتمىسىلا پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر، سالىھلار بىلەن بىللە بولىدۇ‘ دېگەن“(ئىمام ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايەت قىلغان).

6.ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىدا پۇتىنى سۇنمايدۇ. ھەرقانچە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى بولسىمۇ دادىغا مەنسۇپ بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنى تونۇماس بولۇۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ.

7. ئاتا-ئانىسىنى ھايات ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرغىنىدەك، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەققىدە سەدىقە قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: ”ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىدىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، ھېساب ئالىدىغان كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا-ئانامغا ۋە مۇئمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن“.

قىسقىسى، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى. ئاتاقلىق ئەدىب مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ئېيتقاندەك: ”ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەققى شۇدۇركى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەن دۇنياغا تۆرەلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى ھەمىشە ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل“.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر