باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئىسلام دىنى بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

ئەلانۇر ئەبەيدۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاللاھ تائالا پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا رىزىق بەرگۈچى قۇدرەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ زات بولغاچقا، تۆرەلمە ئانا قورسىقىدىكى تۆرەلمىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقنى يەتكۈزۈپ، ماددا ئالمىشىشتىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ئانا تېنىگە قايتۇرۇپ تۆرەلمىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئانا مېھرى ۋە ئانا سۈتىنى ئاتا قىلغان. مانا بۇ ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ھەقىقەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئانىلار(بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 233-ئايەت}.

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمدە بالىلارنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجى بۇنىڭدىن 1400 يىللار بۇرۇنلا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئانا سۈتى پايدىلىق ھەم قۇلايلىق، ئىسسىق-سوغۇقلۇق دەرىجىسى تەڭشەكلىك بولۇپ، ئارتۇقچىلىقى كۆپ:

1.       ئانا سۈتى تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ نىسبىتى 1:3:6 بولىدۇ؛  سۈت ئاقسىلى بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ؛

2.       تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ؛

3.       B تىپلىق سۈت قەنتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلاپ، ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛

4.       ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار كۆپ؛ كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ نىسبىتى 2:1 بولۇپ، بەدەنگە ئاسان شۈمۈرۈلىدۇ؛

5.       كراخمال فېرمېنتى بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛

6.       ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئىممۇنىتېت ئاتىگىنى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

 شۇڭا بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىپ ساغلام، ئەقىللىق تەربىيىلەش لازىم. ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئاتىلار ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئانىلارنى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن باقماي كالا سۈتى ۋە  باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن بېقىۋاتقان ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت، كالا سۈتىنىڭ تەركىبنى ئانا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇق تەركىب، فېرمېنت ۋە كالتىسىينىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن بولغان راخت كېسەللىكلىرى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئانا بالىسىنى ئۆز سۈتى بىلەن باققىنىدا، ئۆزى ۋە بالىسى ئۈچۈنمۇ ھەر جەھەتتىن پايدىلىق. بالا ئانا كۆكسىنى شوراپ بەرسە، ئانىدىكى سۈت بېزى ئاجرالمىلىرى راۋانلىشىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمچەك ئۆسمىسى ۋە ئەمچەك راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.

ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئانىغا ۋە بالىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ تائالا ئالدىن بىلگەچكە، ئانىلارغا بالىلارنى تولۇق ئېمىتىش ۋەزىپىسىنى بۇيرۇغان. بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلساق، ئاندىن پەرزەنتلەرنىڭ سۈپەتلىك بېقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1999-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر