باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ئورنى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىسلام دىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلايدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكنى، ئۇلارنىڭ بارلىق مۇۋاپىق تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:

”پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن،دېگىن“(سۈرە بەنى ئىسرائىل، 23-ئايەت).

بۇ ئايەت كەرىمدە ئاللاھ تائالا بارلىق ئىنسانلارنى ئۆزىنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىغىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇش بىلەن بىرگە، شۇ ئىنساننى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قىلچە ئازار بەرمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن:

”ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر“(سۈرە لوقمان، 14-ئايەت).

”بىز ئىنساننى ئاتا- ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ)كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ ): پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن، دەيدۇ“(سۈرە ئەھقاف، 15-ئايەت).

يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا شۇ ئىنسانغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى كۆپلىگەن جاپا-مۇشەققەتتە بېقىپ تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈشتىكى ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن پەرۋەردىگارىغا تەۋھىد-ئىمان بىلەن ئېتىقاد قىلىشنى، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى، پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىشىنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە شۇ ئىنساننىڭ ئاخىر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا چوقۇم بارىدىغانلىقىنى، مۇبادا ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن يېنىپ، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئىبارەت ئالىي ماقامنىڭ نېسىپ بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتىكى تارىخىي ۋەقەلىكىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بايان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەقەدەر ياخشى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىزگە تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

”ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان(قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر(يەنى ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا)ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى“(سۈرە مەريەم، 14-ئايەت).

«قۇرئان كەرىم»نىڭ «ئىبراھىم» ۋە «نۇھ »سۈرىلىرىدىكى ئايەتلىرىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىكى بۇرچىنىڭ پەقەت ماددىي تەرەپتىنلا بولماستىن، مەنىۋى تەرەپتىنمۇ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ھەمدە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلار ھەققىدە داۋاملىق دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلىرى بولسا، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىشىنى سورىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن:

”پەرۋەردىگارىم! ھېساب ئالىدىغان كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە )، ماڭا، ئاتا-ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن“(سۈرە ئىبراھىم، 41-ئايەت).

”پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن“(سۈرە نۇھ، 28-ئايەت).

بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:”سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ئۇ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىشتىن ئىبارەتتۇر“.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى جانابى ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئاتا-ئانىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى زور گۇناھ، جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، تۆۋەندىكى ھەدىستە ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن سىرت يەنە باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئەزىيەت يەتكۈزمەي، ئائىلىلەر ئارا ناھايىتى ئىناق، ئىتتىپاق ياشاشنىڭ نەقەدەر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ئۈممەتى ئىسلامىيەتكە تەۋسىيە قىلغان. ئابدۇللا ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىشى ئەڭ زور گۇناھ ھېسابلىنىدۇ“دېگەن. ئى رەسۇلۇللاھ، كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قانداقمۇ قارغايدۇ؟ دېگەن كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”بىر ئادەم بىراۋنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ-دە، ئۇ ئادەممۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ“دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىشچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلمىغانلىق ھەققىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە، ئەلقەمە ئىسىملىك بىر ياش يىگىت بولۇپ، ناھايىتى تىرىشچان ھەم ساخاۋەتلىك ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ، ئايالى ئېرىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى، سەلمان، ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)قاتارلىق ساھابىلەرگە:”سىلەر ئەلقەمەنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىڭلار“ دەپتۇ. ئۇلار ئەلقەمەنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ”لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ“ دېگىن دېسە، ئۇ دېيەلمەپتۇ. ئۇلار ئەلقەمەنى ھالاك بولۇپتۇ دەپ ئويلاپ، ئەلقەمەنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەۋەتىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلقەمەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، ئۇ ئەلقەمەنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلالغا: ”ئى بىلال!سىز ئەلقەمەنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ مەندىن ئۇنىڭغا سالام دەڭ، ئەگەر ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كېلەلىگۈدەك بولسا كەلسۇن، كېلەلمىسە ئۇنىڭ يېنىغا ئۆزۈم بارىمەن“ دەپتۇ. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ئايال: ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئەڭ لايىق“دەپ ھاسىسىغا تايىنىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا: ”سىز ئوغلىڭىز ئەلقەمەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھەقىقىي گەپنى قىلىڭ، ئەگەر يالغان دېيىلىپ قالسا ، ماڭا ھازىرلا ۋەھيى چۈشىدۇ“دېگەندە، ئۇ ئايال: ”يا رەسۇلۇللاھ، ئوغلۇم ئەلقەمە ناماز، روزا ئىبادەتلەرنى ئورۇندىغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ قولىدىكى بارلىق ئىقتىسادىنى سەدىقە-ئېھسان قىلاتتى، ئۇنىڭ قىلغان ساخاۋىتىنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ“دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سورىغاندا، ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھغا: ”مەن ئوغلۇمدىن نەپرەتلىنەتتىم، بۇنداق بولۇشى، ئوغلۇم ئايالىغا ئىتائەت قىلىپ،ماڭا ئاسىيلىق قىلىش ئارقىلىق ئايالىنى مەندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قوياتتى“دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئانىسىنىڭ ئەلقەمەگە بولغان نەپرىتى ئەلقەمەنىڭ شاھادەت ئېيتىشىغا توسالغۇ بولغان دەپ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ”ئى بىلال! بېرىپ ئوتۇن يىغىپ كېلىپ ئەلقەمەنى كۆيدۈرۈۋېتىڭ“دەپ تۇرۇشىغا، ئۇ ئايال: ”يا رەسۇلۇللاھ ،ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم، شۇنداقلا مېنىڭ يۈرەك پارەم تۇرسا، ئۇ كۆز ئالدىمدا كۆيدۈرۈۋېتىلسە، ئۇنىڭغا قانداق چىداپ تۇرالايمەن؟“دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ”ئى ئەلقەمەنىڭ ئانىسى! ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقتۇر، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەلقەمەنى مەغپىرەت قىلىشى سىزنى خۇشال قىلىدىكەن، سىز ئوغلىڭىزدىن رازى بۇلۇڭ ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز ئوغلىڭىزدىن رازى بولمايدىكەنسىز، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى، تۇتقان روزىسى، قىلغان سەدىقىسى ئۇنىڭغا ئەسلا مەنپەئەت قىلمايدۇ“ دېگەندە، ئۇ ئايال: ”يا رەسۇلۇللاھ!ئاللاھ بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن ئوغلۇم ئەلقەمەدىن رازى بولدۇم“ دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :”ئى بىلال!ئەمدى بېرىپ ئەلقەمەنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ، ئۇ شاھادەت ئېيتىشقا قادىر بولالىدىمۇ؟“ دەپتۇ. بىلال ئەلقەمەنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ شاھادەت ئېيتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كىشىلەرگە: ”ئەلقەمەنىڭ ئانىسىنىڭ ئەلقەمەدىن رازى بولماسلىقى ئۇنىڭ شاھادەت ئېيتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپتۇ. ئانىسى ئۇنىڭدىن رازى بولۇۋېدى، ئۇ شاھادەت ئېيتالىدى“ دەپتۇ. ئەلقەمە شۇ كۈنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ، دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ بارلىق مۇسۇلمانلارغا:”ئى مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار! ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن كۆرىدىكەن، ئۇنداق ئادەملەرگە ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنداق ئادەملەردىن پەرز ۋە نەفلى ئىبادەتلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ“دەپ جاكارلاپتۇ.

ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلماي، ئۇلارنى رەنجىتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى يۇقىرىقى رىۋايەتتىن دەرھال چۈشىنىۋالالايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئاشۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن مۇجتەھىد ئۆلىمالار«قۇرئان كەرىم»دىكى ”ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر ئېيتقىن“ دېگەن ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئاتا-ئانىسىغا شۈكۈر ئېيتىشنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەنلەرنىڭ، يەنى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئاتا-ئانىسىغا شۈكۈر ئېيتمىغانلارنىڭ (ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلمىغانلارنىڭ) ئىبادىتىنىڭ مەقبۇل بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

تابىئىنلاردىن بولغان بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىكى بۇرچىنى تۆۋەندىكىدەك ئون تۈرلۈك ئىشقا يىغىنچاقلىغان:

1.ئاتا-ئانىسى بىرەر يېمەكلىككە كۆڭلى تارتسا، ئۇنى كېچىكتۈرمەستىن ئەكېلىپ بېرىش؛

2.كىيىم-كېچەككە ھاجىتى بولسا، ئۇنى دەرھال ھازىرلاپ بېرىش؛

3.بىرەر خىزمەتكە ئېھتىياجى بولسا، خىزمىتىنى ۋاقتىدا قىلىپ بېرىش؛

4.ئاتا-ئانىسى چاقىرسا، دەرھال جاۋاب بېرىپ، يېنىدا ھازىر بولۇش؛

5.گۇناھ بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشقا بۇيرۇسا، دەرھال ئىجرا قىلىش ؛

6.گەپ-سۆز قىلغاندا، ناھايىتى يۇمشاق، مۇلايىم بولۇش، ھەرگىزمۇ قوپال گەپلەرنى قىلماسلىق؛

7.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرماسلىق؛

8.يول يۈرگەندە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش؛

9.ئۆزى نېمىنى ياخشى كۆرسە، ئاتا-ئانىسىغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈش ، نېمىنى يامان كۆرسە ئاتا-ئانىسىغىمۇ شۇنى يامان كۆرۈش؛

10.ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ھەرقانداق ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسىغىمۇ تەڭ دۇئا قىلىش.

مېھنەتكەش ئاتا-ئانىلار ئائىلىنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى ۋە يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، بىزنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ياشىشىمىزغا شارائىت ھازىرلايدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ھەربىرىمىزنى دەپ جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى، قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ياخشىلىقنى بىز ئۈچۈن ھەرگىز ئايىمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، دېگەنلىرىنى رەت قىلماي ئورۇندىشىمىز، ئاتا-ئانىمىز چارچاپ قالسا شۇ ھامان ياردەم بېرىشكە ئالدىرىشىمىز، ياشىنىپ ماغدۇرىدىن كېتىپ قالسا، ياكى كېسەل بولسا، ئۇلارنىڭ ھالىدىن تا ۋاپات بولغۇچە خەۋەر ئېلىشىمىز، قىسقىسى، ئاتا-ئانىمىز ئۈستىدىكى پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى شەرتسىز ئادا قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئى ياش ئەۋلادلار! ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلىپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالساق، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ھالىمىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى چوقۇم ئاتا-ئانىلىرىنى نارازى قىلغانلارغا بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفى-مەرھەمىتى چوقۇم ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلغانلارغا بولىدۇ. ھەدىس شەرىفتە: ”داۋاملىق ھاراق ئىچكۈچى، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، دەيۈز(ئائىلىسىدە ئىسلام دىنىمىزغا خىلاپ ئىشلار بولۇۋاتسا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ رازى بولغۇچى)قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر جەننەتكە كىرمەيدۇ“دەپ بايان قىلىنغان. كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتسا، ئۇ كىشىنىمۇ چوقۇم ئۇنىڭ بالىۋاقىسى قاقشىتىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق يامانلىققا ئۇنىڭ ئوخشىشى بويىچە جازا قايتۇرۇلىدۇ. بولۇپمۇ، بىزلەرگە توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرگەن، بىزلەرنى مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن تۇغقان، ئىككى يىل تولۇق ئېمىتكەن، سۈتىدىن بىزگە ئوزۇق بەرگەن، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى دەپ بەزىدە كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى بېقىپ تۈزۈك ئادەم قىلىش ئۈچۈن بىھېساب ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاشۇ كۆيۈمچان ئانىلىرىمىزنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ساھابىلەردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ”مېنىڭ ئەڭ ياخشى سۆھبەت بولىدىغان ئادىمىم قايسى؟“دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم ”ئاناڭ“دەپ، تۆتىنچى قېتىمدا ”داداڭ“ دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ ھەدىس ئانىلارنىڭ نەقەدەر ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت! بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنى قاقشىتىپ ئايالىغا بويسۇنۇشى، قىز بالىنىڭمۇ ئېرىنى دەپ ئانىسىنى خاپا قىلىپ قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ دوستىغا ياخشىچاق بولىمەن دەپ ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتىپ قويۇشى، ياتلارغا تىز پۈكۈپ، ئۆز يېقىنلىرىغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىشى ھەم يامانلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا نامايەندىسى. ھەدىس شەرىفتە شۇنداق دېيىلگەنكى: ”ئاللاھ تائالا خالىسا ھەرقانداق بىر گۇناھنى قىيامەت كۈنىگە كېچىكتۈرىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلارغا ئاللاھ ئازابىنى شۇ كىشى ھايات ۋاقتىدىلا ناھايىتى تېز ئەۋەتىدۇ“.

بىز ياش ئەۋلادلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشەيلى دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئاتا-ئانىمىز رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلايلى!

يەنە >>سۈرەتلەر